From Wikipedia, the free encyclopedia
شىخۇ شەھىرى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكى، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقى قاراماي شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، ساۋەن ناھىيىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ، جەنۇبى خېجىڭ ناھىيىسى، نىلقا ناھىيىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ، غەربى چىڭگىل ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالى تولى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 220 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربىكىچە بولغان كەڭلىكى 180 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 13 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر.
شىخۇ شەھىرى
乌苏市.Shihu City | |
شىخۇ شەھىرىنىڭ(قىزىل) خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | شەھەر |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | تارباغاتاي ۋىلايىتى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە |
بازارلىق سانى | 10 دانە |
يېزا سانى | 7 دانە |
كوچا ئىش باشقارمىسى سانى | 5 دانە |
نوپۇس | 210 مىڭ |
ئۇنىڭغا 7 بازار، 11 يېزا، 178 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 7-شىسىنىڭ 9 تۇەن-مەيدانى بار، شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 267 كىلومېتىر. 1995-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 336 مىڭ 600 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار % 6.30 نى، ئۇيغۇرلار 5.17% نى، خەنزۇلار % 79.29 نى، باشقا مىللەتلەر% 9.24 نى تەشكىل قىلىدۇ.
ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالى پەس، شەرقىي جەنۇبىدىن غەربىي شىمالغا قىيسىق، تاغلىق رايون % 43.6 نى، تۈزلەڭلىك %44.6 نى، قۇملۇق % 11.8 نى ئىگىلەيدۇ. 17 چوڭ-كىچىك دەرياسى بار.
يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 1 مىليارد 920 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 486 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، سايگاڭ بۆكىنى، قوڭۇر ئېيىق، بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا چوشقا، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن شەمشاد، توغراق، قىيىن، قارلەيلىسى، سۇغىگۈل، قانتېپەر، چۆچۈكبۇيا، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، ئالتۇن، نېفىت، سىڭىر تاش، گىلائۇبېر تۇزى، ھاك تاش، گرانىت، بېنتونىت قاتارلىقلار بار.
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.