From Wikipedia, the free encyclopedia
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Qizilsu Qirghiz Aptonom Oblasti)بولسا شىنجاڭ دىكى بىر ئاپتونوم ئوبلاست، غەربىدىكى پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرق تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن، جەنۇب تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەرب ۋە غەربىي شىمال تەرىپى ئايرىم ئايرىم ھالدا تاجىكىستان، قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مىڭ 154 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 500 نەچچە كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 140 نەچچە كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 67 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. ئوبلاست مەركىزىي ئاتۇش شەھىرى، شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر مىڭ 428 كىلومېتىر.
قىزىلسۇ قىزغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
克孜勒苏柯尔克孜自治州.Kizilsu Kyrgyz Autonomous Prefecture | |
قىزىلسۇنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ئاپتونوم ئوبلاست |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر، قىرغىز |
تىللار | ئۇيغۇرچە قىرغىزچە |
شەھەر سانى | 1 دانە |
ناھىيە سانى | 3 دانە |
نوپۇسى (2015-يىل) | 596,064 [1] |
يەر مەيدانى | 70،916.33 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى) |
تېلېفون رايون نومۇرى | 908(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新P |
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قارمىقىدا 1 شەھەر ۋە 3 ناھىيە بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى خەرىتىسى | |
نومۇرى | ئىسمى | ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
دا يېزىلىشى |
ئىنگلىزچە ئىسمى | خەنزۇچە ئىسمى | يېزا بازار سانى | نوپۇسى(مىڭ) | يەر مەيدانى(km2) |
1 | ئاتۇش شەھىرى | Atush Shehiri | Atush City | 阿图什市 | 9 | 269.3 | 15,697.78 |
2 | ئاقتو ناھىيىسى | Aqto Nahiyisi | Aqto County | 阿克陶县 | 13 | 221.5 | 24,555.06 |
3 | ئاقچى ناھىيىسى | Aqchi Nahiyisi | Aqchi County | 阿合奇县 | 6 | 44.7 | 11,545.38 |
4 | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | Ulughchat Nahiyisi | Ulughchat County | 乌恰县 | 11 | 60.6 | 19,118.11 |
ئىزاھات:
يەر تۈزۈلۈشى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، تاغلىق رايون 90% تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. قىزىلسۇ دەرياسى، توشقان دەرياسى، بوغاز دەرياسى، چاقماق دەرياسى، گەز دەرياسى قاتارلىق ئالتە چوڭ سۇ سىستېمىسى بار، يەر ئۈستى بايلىقى ئالتە مىليارد 250 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 552 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاسلىقى يىلپىز، غولجا (ئارقار)، ئۇلار قاتارلىقلار با. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئاساسلىقى كۆمۈر، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، مانگان، خروم، قوغۇشۇن، سىنك، قەلەي، نىكېل، كۇبالىت، ۋۇلفىرام، مولىبدېن، ۋانادىي، تىتان، لىتىي، بېرىللىي، نىئوبىي، تانتال، ستررونتسىي، ئۇران قاتارلىقلار بار.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 6.2℃ - 12.9℃؛ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 32.4℃. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2750 سائەتتىن 3000 سائەتكىچە. 10℃جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4000℃ تىن كۆپرەك. قىروسىز مەزگىلى 260 كۈن ئەتراپىدا، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى تاغلىق رايونلىرىنىڭ 120 - 260 مىللىمېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ 60 - 120 مىللىمېتىر؛ سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2400 - 3200 مىللىمېتىر.
ئوبلاستىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى. ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 40 نەچچە مىڭ گېكتار ( 600 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى 577 مىڭ 600 گېكتار (سەككىز مىليون 664 مىڭ مو)، وتلاق كۆلىمى ئۈچ مىليون 400 مىڭ گېكتار (51 مىليون مو). ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كېۋەز، كۆممىقوناق، مايلىق دان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. ئەنجۈر، ئانار ۋە موناقى ئۈزۈمى ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاساسلىق چارۋىسىدىن قوي، قوتاز، كالا، ئات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئاساسلىقى كان قېزىش، ئېلېكتر ئېنېرگىيە، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى ئوبلاستىنى كېسىپ ئۆتۈپ، جەنۇبتا قەشقەر شەھىرىگە، شىمالدا ئاقسۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىگە بارىدۇ. پروگراممىلىق تېلېفون، كۆچمە تېلېفون، گۇرۇپپىلاشتۇرۇلغان كومېتاتور سىفىرلىق ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئالاقە ئۈسكۈنلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، ئوبلاستنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا جايلاشقان. قىرغىزىستانغا ئېچىۋېتىلگەن تورغات ئېغىزى دۆلەتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك سودا ئېغىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئوبلاستنىڭ ساياھەت بايلىقى ناھايىتى مول. ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ۋە تەبىئىي داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان داڭلىق ئۈچ مىراۋان غارى، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازارى، سۇلى دۆلىتى ۋە قارا خانىيلار پادىشاھلىقى ئوردىسى خارابىسى، گەزئۆتەڭ خارابىسى، قاراكۆل، بۇلۇڭ كۆل، مۇزتاغ چوققىسى (كونىلار مۇزتاغ ئاتىسى دەپ ئاتىغان)، قوڭۇر چوققىسى (كونىلار مۇزتاغ مەلىكىسى دەپ ئاتىغان) قاتارلىقلار بار.
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.