From Wikipedia, the free encyclopedia
كورلا شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھەر بۇلۇپ، مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىگە قارايدۇ. كورلىنى يەنە "نەشپۈت شەھىرى" دەيدۇ، چۈنكى كورلىنىڭ نەشپۈتلىرى جۇڭگودا ئەڭ داڭلىق.
كورلىنىڭ يەر مەيدانى 482،665 كۇۋادىرات كىلومېتېر. كورلا ئۈرۈمچىدىن تەخمىنەن 200 كىلومېتېر غەربىي جەنۇبىگە جايلاشقان. كورلا تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدا ۋە تاكلىماكان چۆلىنىڭ شىمالىدا جايلاشقان. كورلىنىڭ مەركىزىدە كوڭچى دەرياسى ئاقىدۇ. بۇ دەريانىڭ سۈيى باغراش كۆلىدىن كېلىدۇ.
كورلا شەھىرىنىڭ كىلىماتى ناھايىتى قۇرغاق. يىلدا 3،000 سائەت ئاپتاپ چىقىدۇ. بۇ سەۋەبتىن كۆپ كۈنلىرى ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ. ھەر يىلى پەقەت 115.9 مىللىمېتىر يامغۇر ۋە قارياغىدۇ. ھەر يىلى 2- ئايدىن 3- ئايغىچە بىر نەچچە قېتىم قۇم بوران چىقىدۇ ۋە توپا ياغىدۇ. 1- ئاي ئەڭ سوغۇق ئاي بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 7 ˚ سېلسىيە گرادۇس بولىدۇ. 7- ئاي ئەڭ ئىسسىق ئاي بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 33 ˚ سېلسىيە گرادۇس بولىدۇ.
كورلىنىڭ ئىقتىسادى ئىككى سەۋەب بىلەن تونۇلغان. بىرىنچى سەۋەب نېفىت بولىدۇ. تارىم ئويمانلىقىدىكى جۇڭگو بېنزىن شىركىتىنىڭ باش شتابى كورلىدا. ئىككىنچى سەۋەب - دېھقانچىلىق، بولۇپمۇ نەشپۈتلىرى ۋە توغاچ شاپتۇللىرى بەك داڭلىق.
كورلا شەھىرى تاغقا بەك يېقىن بولۇپ، شەرقتىن غەربكە قۇرۇلغان. شەھەرنىڭ كەڭلىكى 15 كىلومېتىر ۋە ئۇزۇنلىقى 5 كىلومېتىر. كورلىنىڭ قۇرۇلۇشلىرى تولىمۇ رەتلىك، كوچىلىرى ئازادە. شەھەرنىڭ شەرقىدە يېڭى ئېچىلغان رايون بار. بۇ رايوندا ئۈچ ئالىي مەكتەپ بار. كورلىنىڭ غەربى ئەڭ كونا راييون ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە بىرىنچى نومۇرلۇق مەكتەپ، بىر نەچچە بازارلار بار. مەسىلەن، ئالتۇن ئۈچ بولۇڭ بازىرى، باغراش بازىرى ۋە چوڭ بازار قاتارلىقلار. بۇ جايدا يەنە كۆپلىگەن دۇكانلار، سودا سارىيى ۋە جەلق مەيدانى بار. كورلىنىڭ پويىز ئىستانسىسى شىمالدا جايلاشقان. كورلىدىكى ئاممىۋى قاتناش ئىنتايىن قولايلىق. 20-30 مىنۇتتا شەھەرنىڭ بىر چەككىسىدىن يەنە بىر چەككىسىگە بارالايسىز.
كورلىدا ئۈچ گۈزەل دەريا بار: توز دەرياسى، ئاققۇ دەرياسى، ۋە كاككۇك دەرياسى. ئاققۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەر كۈنى رەڭدار چىراغلاردا گۈزەل مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ، فونتانلار ئېتىلىپ چىقىدۇ. دەريالارنى بويلاپ ماڭسىڭىز، چىرايلىق باغچىلارنى كۆرەلەيسىز. بۇ باغچىلاردا ياپ- يېشىل دەرەخلەر قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ.
1995- يىلى رەسمىي نوپۇس تەكشۈرۈش قىلىندى. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار 29.6% ، خەنزۇلار 59.85% ، باشقا مىللەتلەر 10.55%تىنى تەشكىل قىلغان. 2000- يىلى كورلىنىڭ نۇپۇسى 381،943 ئىدى. 2010- يىلىنىڭ رەسمىي نوپۇس تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا كورلىدا 23 مىللەت بولۇپ، ئۇنىڭ نوپۇسى 549،324. شەھەرلىك ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ھازىر كورلىنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 1،000،000.[1]
كورلىدا گۈزەل باغچىلاردىن باشقا يەنە كۆپ قىزىق ئورۇنلار بار. مەسىلەن، قەدىمىي لولان شەھىرى كورلىغا بەك يېقىن. يەنە تاكلىماكان چۆلىنىڭ چېتىدە تېرەك ئورمانى بار. كۈزدە گۈزەل ئالتۇنرەڭ تېرەك ئورمانلىقى ۋە قۇم دۇۋىلىرىنى كۆرەلەيسىز. بۇ ئورمانلىق بىلەن قۇم بارخانلىرى كورلىدىن 1.5 سائەتلىك يولدا.
كۆپ ئاھالىلەر يازدا ئىسسىقتىن قېچىپ باغراش كۆلىگە بارىدۇ. بۇ كۆل كورلىدىن پەقەت 57 كىلومېتىر يىراقلىقىدا جايلاشقان.
كورلىنىڭ ئەڭ ئېگىز ئورنى لوڭشان مەيدانى. بۇ يەر بەك قىزىقارلىق؛ بۇ يەردە كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى، كۆل، چىغىر يول ۋە ھايۋاناتلار باغچىسى بار. شۇ ياردىن كورلىنىڭ چىرايلىق مەنزىرىلىرىنى كۆرەلەيسىز.
كورلىنىڭ يەنە "تۆمۈر دەرۋازا" دېگەن ساياھەت ئورنى بار. ئۇ شەھەر سىرتىدىكى تاغدا جايلاشقان. بۇ جايدا ياخشى ئارام ئالالايسىز ۋە كورلىنىڭ داڭلىق كاۋاپلىرى بىلەن بىرگە باشقا تائاملارغىمۇ ئېغىز تېگەلەيسىز. زىيارەتچىلەر بۇ يەردە ھەم تاغقا چىقالايدۇ، ھەم دەريادا سۇ ئۈزەلەيدۇ.
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.