From Wikipedia, the free encyclopedia
خوشۇت ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. خوشۇتنىڭ يەر مايدانى 12،753 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 60،000.
خۇشۇت خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بوستان دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى. شەرقتىن خەن سۇلالىسىدىن كېيىن كىنگىت دۆلىتىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 28 - يىلى (1939 - يىلى) خوشۇت باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 35 - يىلى (1946 - يىلى) ناھىيىگە كۆتۈرلۈپ، قاراشەھەر ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1954 - يىلى بايىغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارايدىغان بولغان.
خۇشۇت ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، قاراشەھەر ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي جەنۇبىي تەرىپى توخسۇن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى باغراش ناھىيىسى، لوپنۇر ناھىيىسى بىلەن، غەربىي شىمال تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 152.8 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 141.8 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 12 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر. بۇ ناھىيىگە 1 بازار، 5 يېزا، 21 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2 - شىسىنىڭ 2 تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 380 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 57 مىڭ 200، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار 9.25% نى، ئۇيغۇرلار 14.51% نى، خەنزۇلار 66.45% نى، باشقا مىللەتلەر 9.79% نى تەشكىل قىلىدۇ. يېرىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپى ئېگىز، شەرقىي جەنۇب تەرىپى پەس. ئۈچ تەرىپى تاغ، بىر تەرىپى سۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق 51.1% نى، تۈزلەڭلىك 47.2% نى، قۇملۇق 1.7% نى تەشكىل قىلىدۇ. قاراشەھەر دەرياسى، سۈزۈكسۇ دەرياسى، ئۇششاقتال دەرياسى قاتارلىق دەريا، ئېقىنلار بار بولۇپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 213 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 20 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ئۆسۈملۈكلەردىن قارلەيلىسى، قانتېپەر، چاكاندا، چۈچۈكبۇيا، ياۋا كەندىر، بامبۇك قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلىرىدىن تۇز، تازىلانغان شور، گرانىت تاش، فوسفورلۇق تاش، بارىت، ھاك تېشى، چىرىمتال، مەمەر تاش، تاشپاختا، كۆمۈر، ئاليۇمىن، ئالتۇن، مىس قاتارلىقلار بار. خوشۇت ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېردىكى ئىسسىق بەلۋاغنىڭ قۇرۇغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 8.7℃، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 39.2℃ قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا- 31.6℃ قا چۈشىدۇ. يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 59.2 كۈن 30℃ دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3132.0 سائەت. 10℃ يىغلىما تېمپېراتۇرىسى 3605.7℃، قىروسىز مەزگىل 184 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 75.1 مىللىمېتىر. سۇنىڭ ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2247.2 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر 10 مىڭ گېكتار (150 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 74 مىڭ 500 گېكتار (1 مىليون 117 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر. 21 مىڭ 600 گېكتار (324 مىڭ مو) ئورمانلىق، 592 مىڭ 800 گېكتار (8 مىليون 892 مىڭ مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، شال، ئاپتاپپەرەس، قېزىلچا،پەمىدور قاتارلىقلار بار. چارۋىدا كالا، قوي، ئات ئاساس قىلىنىدۇ. سانائەت جەھەتتە دورىگەرلىك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەر بار. خۇشۇت ناھىيىسىدە قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش بىرقەدەر قولايلىق. 314 - دۆلەت تاشيولى ناھىيە تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلارنىڭ تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن. ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش، پروگراممىلىق تېلېفون قاتارلىق زامانىۋى ۋاسىتىلەر قوللىنىلدى.
مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرىدىن چۇقۇ قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، شىنتاران قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، نىنا قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، تاغاچى تۇراسى خارابىسى، دەنزىل قەدىمكى شەھىرىدىكى تۇرا خارابىسى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن شىخەيزى سۇ ئۈزۈش كۆلى، قىزىلتاي جەنۇبىي بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونى قاتارلىقلار بار.
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.