تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاپتونوم رايون / From Wikipedia, the free encyclopedia
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Tashqorghan Tajik Aptonom Nahiyisi) پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى قاغىلىق ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى ئاقتو ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب ۋە غەرب تەرىپى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كەشمىر (پاكىستان كونتروللىقىدىكى رايون) ، ئافغانىستان، تاجىكىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 808 كىلومېتىر) . جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 178 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 140 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 52 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر (بۇنىڭ ئىچىدە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان يەر 28 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر) كېلىدۇ. قونجىراپ ئېغىزى ناھىيىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى دەپتەر يېزىسى غا جايلاشقان بولۇپ، پاكىستان]] نىڭ گىلگىت بالتىستان رايونى بىلەن تۇتۇشىدۇ.
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
塔什库尔干塔吉克县.Tashkorgan Tajik Autonomous County | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ئاپتونوم ناھىيە |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
بازارلىق سانى | 2 دانە |
يېزا سانى | 11 دانە |
نوپۇسى (2017-يىل) | 40,381 [1] |
يەر مەيدانى | 52،400 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |