![cover image](https://wikiwandv2-19431.kxcdn.com/_next/image?url=https://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/d/d0/Qeshqer_wilayiti_xeritisi%2528Uyghur%2529.png/640px-Qeshqer_wilayiti_xeritisi%2528Uyghur%2529.png&w=640&q=50)
قاغىلىق ناھىيىسى
From Wikipedia, the free encyclopedia
قاغىلىق ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى : Qaghiliq Nahiyisi چاغاتايچە : قارغاليق) بولسا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىگە قارايدۇ. قاغىلىق ناھىيىسى قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇب چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى گۇما ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرپى كەشمىر (پاكىستان كونتروللۇقىدىكى رايون) بىلەن تۇتۇشىدۇ (چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 80 كىلومېتىر)، غەرب تەرىپى پوسكام ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى مەكىت ناھىيىسى بىلەن ۇتتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 326 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 120 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 28 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا ئۈچ بازار، 17 يېزا، 302 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1514 كىلومېتىر.
قاغىلىق ناھىيىسى
叶城县.Qaghiliq County | |
![]() | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ناھىيە |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
بازارلىق سانى | 3 دانە |
يېزا سانى | 17 دانە |
نوپۇس | 500 مىڭ |
يەر مەيدانى | 28،928.64 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |