ۋىزانتىيە تەقۋىمى
From Wikipedia, the free encyclopedia
ۋىزانتىيە تەقۋىمى، «كونستانتىنوپولسنىڭ يارىتىلىش دەۋرى» ياكى «دۇنيا دەۋرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ (گرېكچە: Ἔτη Γενέσεως Κόσμου κατὰ Ῥωμαίους[1]) مەزكۇر تەقۋىم شەرقىي ئورتودوكس چېركاۋى تەرىپىدىن 691 - يىلىدىن 1728 - يىلىغىچە رۇم ئورتودوكس پاترىكخانەسىدە قوللىنىلغان. شۇنداقلا ئۇشبۇ تەقۋىم 988 - يىلىدىن 1453 - يىلىغىچە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋە 988 — 1700 - يىللار ئارىسى رۇسىيەنىڭ رەسمىي كالېندارى ئىدى.
بۇ تەقۋىمدە يېڭى يىل 1 - سېنتەبردە باشلىناتتى. بۇنىڭ سىرتىدا تامامەن جۇلىيان تەقۋىمىگە ئۇيغۇندۇر.
شەرقىي رىم تەقۋىمىگە كۆرە دۇنيا مىلادىدىن بۇرۇن 5509 - يىلى 1 - سېنتەبر يارىتىلغانمىش.