From Wikipedia, the free encyclopedia
سۇرىيە ياكى رەسمى ئىسمى سۇرىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتى (ئەرەبچە: الجمهورية العربية السورية)، ئاسىيا قىتئەسىدە، ئوتتۇرا شەرقتە لىۋان، ئىسرائىلىيە، ئىئوردانىيە، ئىراق ۋە تۈركىيە بىلەن قوشنا بىر ئەلدۇر. غەربىدە ئوتتۇرا يەر دېڭىزى باردۇر. پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى دەمەشىق (شام). رەسمىي تىلى ئەرەبچە. سۇرىيەنىڭ توپلام نۇڧۇسى 2004- يىلى 17 مىلىيون 921 مىڭ كىشىدۇر[1]. ھەلەب، لازىقىيە، ھىمس باشقا چوڭ شەھەرلىرىدىندۇر. 1963- يىلىدىن بېرى سۇرىيە بەئس پارتىيەسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلماقتا. دەۋلەت باشىدا 1970- يىلىدىن بېرى ئەسەد ئائىلىسىدىن بىرى ۋەزىپىدە بولماقتا. سۇرىيەنىڭ مەۋجۇد ئەلباشى، 1970-2000 ئارىسى باشقۇرغان ھاڧىز ئەسەدنىڭ ئوغلى بەششار ئەسەدتۇر. 2011- يىلىنىڭ مارت ئېيىدا ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن دۇلقۇندىن ئىلھاملىنىپ كوچىغا چىققان نامايىش ئۇيۇشتۇردى. خەلقنىڭ ئىسلاھات تەلەبى ۋە ئونلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈمى نەتىجىسىدە مۇھەممەد ناجى ئەل ئوتارى باشۋەكىللىكىدىكى ھۆكۈمەت 2011- يىلى 29- مارت كۈنى ئىستىڧا ئەتتى. مۇھەممەد ناجى ئەل ئوتارى، ھۆكۈمەت قۇرۇلغانغە قەدەر بەششار ئەسەد تەرىپىدىن ۋاقىتلىق باشۋەكىل ئاتاندى. شۇ كۈنى باشتا پايتەخت دەمەشىق ۋە باشقا شەھەرلەردە ئونمىڭلىغان خەلق ھۈكۈمەت تەرەپتارى نامايىشلار ئۆتكۈزدى[2].
سۇرىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتى الجمهورية العربية السورية | ||||||||||||||||||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.