جۇغراپىيە
From Wikipedia, the free encyclopedia
جۇغراپىيە، پۈتۈن دۇنيانىڭ ياكى بىر رايوننىڭ تاغ دەريالىرىھاۋا كېلىماتى قاتارلىق تەبىئىي مۇھىتى ۋە ماددىي ئىشلەپچىقرىش، قاتناش - ترانسپورت، ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشى قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئامىللارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن[1]. ئىنسان ۋە ماكان بىلەن بۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى سەبەب - نەتىجە ۋە تارقىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن تەتقىق قىلىدىغان بىر ئىلىمدۇر. ماكان ۋە ئىنسان ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلەر جۇغراپىيەنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ.
جۇغراپىيە كەلىمىسى قەدىم يۇنانچىدىكى گاگئا ( gaia - يەر) ۋە gráphein (يازماق، ئىپادىلىمەك) دېگەن كەلىمىلەردىن تۈرلەنگەن. ئۇيغۇرچىسى يەر ئىلمى دېگەنلىك بولىدۇ. كۈنىمىزدىن 2200 يىل بۇرۇن جۇغراڧىيە ئاتالغۇسىنى تۇنجى قېتىم قوللانغان كىشى ئەراتوسسېنېس (Eratosthenes، م.ب 276 - م.ب 194. يىللار) بولغان. گرېگگ (Gregg) ۋە لېىنھاردت (Leinhardt- يىل 1994) جۇغراپىيەنى تۆرت ئالاھىيىدىلىك بىلەن خاراكتىرلەنگەن بىر ئىنتىزام دەپ ئىزاھلىماقتا.
- 1- بىر يەرگە خاس بىر ئالاھىيدىلىك بېغىشىلايدىغان، يۈر يۈزىدىكى ئالاھىيدىلىكلەرنىڭ تارقىلىشى (م: تاغلار، دەريا - ئىرماقلار، دېڭىز - ئوكيانلار ۋ.ب).
- 2- بەئزى شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇد يەرلىرىدە ۋە زاماندا نېچۈك ۋە قانداق مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلىش (م: يانار تاغلار دېگەندەك).
- 3- يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنىڭ، باشقا ۋەقە ۋە ھادىسەلەر بىلەن مۇناسىۋىتى ۋە باغلىنىشىدۇر (م: يامغۇر ئورمانلىرىنىڭ بوزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى)
- ئاخرىقىسى، جۇغراپىيەنىڭ خەرىتىلەر بىلەن ئۇچۇر ۋە قاراشلارنىڭ ئالاقىسىنى باغلىشى قاتارلىقلار.
بۇ تۆرت خۇسۇسىيەت بىر بىرى بىلەن تۈرلۈك يوللار بىلەن تەسىرلىشىدۇ. بۇلارنىڭ دەسلەپكى ئۈچىسى جۇغراپىيەنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرىدۇر. ئاخىرىقى بولسا جۇغراپىيىلىك تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇچۇرلارنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر.
جۇغراپىيە ئىجتىمائىي پەنلەر تۈرىگە كىرىدۇ.