ئىتاليان تىلى
From Wikipedia, the free encyclopedia
ئىتالىيە تىلى ياكى ئىتاليانچە (italiano ياكى lingua italiana)، كۆپچىلىكى ئىتالىيە ۋە شۋېتسىيەวรวิทย์ สุภะดี تىجىنو كانتونىدا ياشاغۇچى 60 مىلىيون[1] كىشى تەرەپىدىن سۆزلىشىلىدىغان بىر تىل.
ئىتاليان نەسلىدىن بولغان كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، ئارگېنتىنا، برازېلىيە، كانادا ۋە ئاۋستىرالىيەدە كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسىغا تەۋە رومان تىللىرى ئائىلىسىغا تەۋەدۇر.
ئوتتۇرا ئەسردىن ئىتىبارەن خەلق لاتىنچە (ۋۇلگار لاتىنچە) تۈرلۈك شىۋەلەرگە ئايرىلدى. ئوتتۇرا ئەسرنىڭ ئاخىرىدا ڧلورانسا شەھرىنىڭ ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەتتىكى ئۈستۈلىكىنىڭ تەسىرى بىلەن، توسكانا يازما تىلىدىن بۇگۈنكى ئىتاليانچە شەكىللەنگەندۇر. بۇ تىلنىڭ تەرەققىياتىدا بوككاچىيو (Boccaccio)، دانتې (Dante Alighieri) ۋە پېتراركا (Petrarca) قاتارلىق ئىسىملەرنىڭ لاتىنچە ئورنىغا توسكانا شىۋىسىنى قوللىنىشلىرىنىڭ تەئسىىرى بۈيۈكتۇر. بۇنىغا قارشىن ئىتاليان تىلى، سىياسىي بىرلىكنىڭمۇ ئۇزۇندىن بېرى تاماملانمىغان بولىشىنىڭمۇ تەئسىرى بىلەن رايوندىن رايونغا پەرقلەر ئىنتايىن پەرقلىقتۇر. ھەر رايوننىڭ ئۆزىگە خاس شىۋەسى باردۇر ۋە بولۇپمۇ شىمال ۋە جەنۇب شىۋەلەرى ئاراسىندا بىر بىرىنى تۈشۈنۈشەلمىەۈدەك دەرىجىدە ئوخشىماسلىقلار باردۇر.
ئىتاليانچە رومانىي تىللار ئىچىدە لاتىنچەگە ئەڭ سادىق قالغانىدۇر، بۇ يۈزدىن "زامانەۋىي لاتىنچە" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. باشقا رومان تىللارى بىلەن (ڧرانسۇزچە، ئىسپانچە، پورتۇگالچە، رومانچە، كاتالانچە قاتارلىق) چوڭ جەھەتتە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئىتاليانچەنى ياخشى بىلىدىغان بىر كىشى باشقا رومانىس تىللارنىمۇ قىسقا ۋاقىتتىلا ئۆرگىنىپ كېتەلەيدۇ.
ئىتاليانچە، كەلىمەلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈگىشى ۋە كەسىڧ ئۇرغۇلارى بىلەن ئۆزىگە خاس بىر مېلودىيەگە ئىگە ۋە بۇ يۈزدىن ھەم دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل تىللىرىدىن قەبۇل قىلىندۇ. ئىتاليانچە، ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا ئويغىنىش دەۋرىدە زامانىسىنىڭ لىنگۇا ڧرانچاسى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىق ئۈچۈن باشقا تىللارغا بولغا تەئسىرى ئىنتايىن چوڭدۇر ۋە بولۇپمۇ مۇزىكا ساھەسىكىدىكى ئاتالغۇلار ئىتاليانچەدۇر. ئىتالىيەنچە دۇنيادا ئاز ساندىكى مېلودىك تىللارنىڭ بىرىدۇر. تۇيغۇلاندۇرغۇچى بايانلىرى مول بىر تىلدۇر.
ئىتاليانچەدە 21 ھەرڧ باردۇر. K, j, w, x ۋە y ھەرڧلىرى پەقەتلا چەتئەل تىلدىن كىرگەن سۆزلەردە قوللىنىلىدۇ.
“C” تاۋۇشى e ۋە i ھەرڧلىرىدىن بۇرۇن “ç” (چ)؛ a, u ۋە o ھەرڧلىرىدىن بۇرۇن كەلسە “k” ئوقۇلىدۇ. (“Casa” (ئۆي) kaza دەپ ئوقۇلىدۇ, “cielo” (ئاسمان) chelo\چەلو دەپ ئوقۇلىدۇ). “G” تاۋۇشى ھەم e ۋە i دىن بۇرۇن “c”(ج)؛ a,u ۋە o دىن بۇرۇن كەلگەندە “g” دەپ ئوقۇلىدۇ. (“Gatto” (مۈشۈك) gatto, “gente” (ئىنسانلار\كىشىلەر) cente (جەنتە) دەپ ئوقۇلىدۇ).
İ ۋە e’ دىن بۇرۇن كەلگەن c’ نى k ۋە g نى g ئوقۇماق ئۈچۈن “h” ھەرڧى قوشۇلىدۇ؛ ; “chiamare” (چاقىرماق) kiyamare (كيامارې), “lunghezza” (ئۇزۇنلۇق) lungetza (لۇڭگېتزا) دەپ ئوقۇلىدۇ. . “Gl” لي شەلىدە , “gn”بولسا ny شەكلىدە ئوقۇلىدۇ: “Taglia” (مەندىن) talya (تاليا) شەكلىدە , “ogni” (ھەر) onyi (ئوني) شەكلىدە ئوقۇلىدۇ. “Z” تاۋۇشى dz شەكلىدە, “zz” ئىسە ts شەكلىدە ئوقۇلىدۇ: “Zucchero” (شېكەر) dzukkero (دزۇككېرو), “pizza” بولسا pitsa (پىتسا) دەپ ئوقۇلىدۇ. E ۋە i دىن بۇرۇنقى “Sc” ش دەپ ئوقۇلىدۇ, “scegliere” (تاللىماق) shelyere (شەليەرە) ئوقۇلىدۇ. باشقا ھەرڧلەر ئۇيغۇرچىدىكىدەك ئوقۇلىدۇ. پەقەت “r” تاۋۇشى ئىتاليانچەدە ئۇيغۇرچىدىكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈكرەك يۇمۇلاقلىنىدۇ.