ئاقسۇ ۋىلايىتى
From Wikipedia, the free encyclopedia
ئاقسۇ ۋىلايىتى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Aqsu Wilayiti) تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى خوتەن ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، شىمالىي تەرىپى تەڭرىتاغ ئارقىلىق ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى]] نىڭ تېكەس ناھىيىسى ۋە موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى قازاقىستان ئالمۇتا ئوبلاستى نىڭ رايىمبەك رايونى بىلەن، قىرغىزىستان نىڭ ئىسسىقكۆل ئوبلاستى بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 235 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 510 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 350 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 132 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر.
ئاقسۇ ۋىلايىتى
阿克苏地区.Aksu Prefecture | |
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ۋىلايەت |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر، خەنزۇ |
تىللار | ئۇيغۇرچە خەنزۇچە |
شەھەر سانى | 1 دانە |
ناھىيە سانى | 8 دانە |
نوپۇسى (2015-يىل) | 2,530,506 [1] |
يەر مەيدانى | 128،099 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى) |
تېلېفون رايون نومۇرى | 997 (0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新N |