From Wikipedia, the free encyclopedia
UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]
ئىسلام |
قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر |
ھەزرىتى يۇسۇف ياكى يۈسۈپ (ئەرەبچە:يوسف\Yusuf،ئىبرانىيچە:יוֹסֵף\Yosef)، يەئقۇب پەيغەمبەرنىڭ 12 ئوغلىنىڭ 11.سى ۋە بۇنيامىننىڭ ئاكىسى. بەنى ئىسرائىلنى تەشكىل قىلغان 12 بوي (ئۇرۇق) نىڭ بىرىنىڭ ئاتىسى. بوۋىسى ھەزرىتى ئىسھاق، چوڭ بوۋىسى ھەزرىتى ئىبراھىمدۇر. ھەزرىتى يەئقۇب پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ سۆيگەن ئايالىدىن بولغان ئىككى ئوغلىدىن بىرى دەپ قارىلىدۇ.
يەھۇدىي كىتابلىرىدىن تاناھتا دېيىلىشىچە ھەزرىتى يەئقۇب پەيغەمبەر ئوغلى يۇسۇڧكە رەڭگارەڭ بىر لىباس ھەدىيە قىلىدۇ. يۇسۇڧ پەيغەمبەرگە تۈش تەبىرى بېرىش قابىلىيىتى بېرىلگەن. قىزغانچۇق ئاكىلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا ئېتىلغان. كېيىن مىسىرغا قۇل سۈڧەتىدە ساتىلغان.
يەھۇدىي ۋە ئىسلام مەنبئەلىرى ھەزرىتى يۇسۇڧ ھەققىدە خېلىلا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. خرىستىيانلاردىكى يوسېڧ ھەققىدىكى مەزمۇنلار يەھۇدىلارنىڭكى بىلەن ئەينەن ئوخشاشتۇر. تاناھ بىلەن كونا ئەھدنىڭ يارىتىلىش (تەكۋىن) قىسمى بىلەن قۇرئاندىكى يۇسۇڧ سۈرىسىدە ھەزرىتى يۇسۇڧنىڭ ھاياتى بايان قىلىنىدۇ. ئىسلامىيەتكە كۆرە ھەزرىتى يۇسۇڧ بىر پەيغەمبەردۇر
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.