![cover image](https://wikiwandv2-19431.kxcdn.com/_next/image?url=https://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/6/6a/Location_of_Yopurga_within_Xinjiang_%2528China%2529.png/640px-Location_of_Yopurga_within_Xinjiang_%2528China%2529.png&w=640&q=50)
يوپۇرغا ناھىيىسى
From Wikipedia, the free encyclopedia
يوپۇرغا ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. يوپۇرغا ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىغا، گەز دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى يەكەن ناھىيىسى بىلەن، غەرب ۋە غەربىي جەنۇب تەرىپى يېڭىسار ناھىيىسى، يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى پەيزاۋات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان، ئۇزۇنلۇقى 93 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 56 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 2688.3 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر بازار، 8 يېزا، 86 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1545 كىلومېتىر.
يوپۇرغا ناھىيىسى
岳普湖县.Yopurgha County | |
![]() | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ناھىيە |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
بازارلىق سانى | 1 دانە |
يېزا سانى | 9 دانە |
نوپۇس (2017-يىل) | 177،955 [1] |
يەر مەيدانى | 11022.53 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |