يېڭىشەھەر ناھىيىسى
From Wikipedia, the free encyclopedia
يېڭىشەھەر ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە، قەشقەر دەرياسىدىن ھاسىل بولغان تىنما تۈزلەڭلىككە جايلاشقان. شەرق تەرىپى پەيزىۋات ناھىيىسى، يوپۇرغا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى يېڭىسار ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب، شىمال تەرىپى ئاقتو ناھىيىسى، كونىشەھەر ناھىيىسى، قەشقەر شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 106 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 69 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 2270.7 كۋادرات كىلومېتىر.
يېڭىشەھەر ناھىيىسى
疏勒县.Yéngisheher County | |
يېڭىشەھەر ناھىيىسى (نومۇرى 3) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ناھىيە |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
بازارلىق سانى | 3 دانە |
يېزا سانى | 13 دانە |
نوپۇس | 300 مىڭ |
يەر مەيدانى | 2,262.75 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |