![cover image](https://wikiwandv2-19431.kxcdn.com/_next/image?url=https://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/8/85/China_Xinjiang_Kizilsu.svg/langug-640px-China_Xinjiang_Kizilsu.svg.png&w=640&q=50)
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
From Wikipedia, the free encyclopedia
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Qizilsu Qirghiz Aptonom Oblasti)بولسا شىنجاڭ دىكى بىر ئاپتونوم ئوبلاست، غەربىدىكى پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرق تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن، جەنۇب تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەرب ۋە غەربىي شىمال تەرىپى ئايرىم ئايرىم ھالدا تاجىكىستان، قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مىڭ 154 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 500 نەچچە كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 140 نەچچە كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 67 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. ئوبلاست مەركىزىي ئاتۇش شەھىرى، شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر مىڭ 428 كىلومېتىر.
قىزىلسۇ قىزغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
克孜勒苏柯尔克孜自治州.Kizilsu Kyrgyz Autonomous Prefecture | |
![]() | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ئاپتونوم ئوبلاست |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر، قىرغىز |
تىللار | ئۇيغۇرچە قىرغىزچە |
شەھەر سانى | 1 دانە |
ناھىيە سانى | 3 دانە |
نوپۇسى (2015-يىل) | 596,064 [1] |
يەر مەيدانى | 70،916.33 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى) |
تېلېفون رايون نومۇرى | 908(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新P |