پەسىل
From Wikipedia, the free encyclopedia
From Wikipedia, the free encyclopedia
پەسىل، يەر ئوقىنىڭ يانتولقىنىڭ تەسىرى بىلەن، قۇياشنىڭ ئەتراپىدىكى يىللىق ھەرىكىتى نەتىجىسىدە يەر يۈزىدە ياشىغان بىر بىرىدىن پەرقلىق، ئوتتۇرىچە ھاۋا رايى شەرتلىرىگە بېرىلگەن ئىسىمدۇر. 9- ئايغىچە شىمالىي يېرىم شار، جەنۇبىي يېرىم شارغا قارىغاندا بەكراق يېقىندۇر ۋە كۈن نۇرىنى بەكراق ئالىدۇ. بۇ ئەھۋال 9- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 3- ئاينىڭ 21- كۈنىگىچە ئەكسىچە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شىمالىي يېرىم شاردىكى پەسىللەر مارتتىن باشلاپ تۆۋەندىكىدەك ئىسىملار بېرىلگەن:
ئەتىياز: 21- مارتتىن 22- ئىيۇنغىچە؛
ياز: 22 - ئىيۇندىن 23- سىنتەبرغىچە؛
كۈز: 23- سېنتەبردىن 22- دېكابرغىچە؛
قىش: 22- دېكابردىن 21- مارتقىچە.
جەنۇبىي يېرىم شاردا بولسا پەسىللەر ئەكسچە بولۇپ، ئەتىياز 23- سىنتەبردە باشلايدۇ.
پەسىللەر دۇنيانىڭ ئۆز ئۆزىدىن ئايلىنىشىنىڭ، قۇياشنىڭ ئەتراپىدا ئايلانغان ئوربىتا بىلەن ئوخشاش تېزلىكتە ئايلانماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ سەۋەبدىن يەريۈىدىن كۆك يۈزىگە قارىغاندا قۇياش دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە ئوخشىمىغان بىر ئىگىزلىكتىن ئۆتىدۇ.
"شىمال قىشى" مەزگىلىدە دۇنيانىڭ جەنۇبىي يېرىمىدا قۇياشقا تېخىمۇ يېقىندۇر ۋە شىمالىي يېرىمى تېخىمۇ ئاز كۈن نۇرى ئالىدۇ. "جەنۇب قىشى" مەزگىلىدە بولسا شىمالىي يېرىم شار قۇياشقا بەكراق يېقىنلىشىدۇ ۋە ھاۋالار ئىللىشقا باشلايدۇ. يەئنى شىمالىي يېرىم شاردا ياز پەسلى باشلىغاندا جەنۇبىي يېرىم شاردا (مەسىلەن: جەنۇبىي ئاڧرىقا ياكى ئاۋسترالىيەدە) قىش باشلايدۇ.
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.