نېمىس تىلى
From Wikipedia, the free encyclopedia
نېمىس تىلى ياكى نېمىسچە (Deutsch; قەدىمكىسى Nemçece)، ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمسى گېرمان تىل ئائىلىسىگە تەۋە ۋە خەلقئارالىق چوڭ تىلدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي تىللىرىدىن بىرى ۋە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان تىلى. بولۇپمۇ، گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە، لىختېنشتېين، ليۇكسېمبۇرگ، شۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ زور كۆپچىلىكى، ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىي تىرول رايونى، بېلگىيەنىڭ شەرقىي كانتونلىرى، پولشا ۋە رۇمىنىيەنىڭ بەئزى رايونلىرى ۋە ڧرانسىيەنىڭ ئالساس-لورېن رايونىدا قوللىنىلماقتا. شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەردىن بەئزىلىرىگە خاس كونا مۇستەملىكىلەردە (م: نامىبىيە، جەنۇبىي ئافرىقا دېگەندە) دىققەتكە سازاۋەر مىقداردا نېمىسچە سۆزلەشكۈچى نۇپۇس باردۇر. تۈرلۈك شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىدە نېمىسچە سۆزلەشكۈچى ئاز سانلىقلار ھەم باردۇر. بۇلاردىن روسىيە، ۋېنگرىيە ۋە سلوۋېنىيە قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. شۇنداقلا شىمالىي ئامېرىكانىڭ (بولۇپمۇ ئا ق ش)، لاتىن ئامېرىكانىڭ ئارگېنتىنا ۋە برازىلىيەنىڭ بەئزى رايونلىرىدا نېمىسچە سۆزلىشىلىدۇ. نېمىسچىدە ڧرانسۇزچىدىن ئۆتكەن كەلىمىلەر ھەم باردۇر.
نېمىسچە Deutschمارتىن لۇتىر تەرىپىدىن نېمىسچەگە تەرجىمە ئىنجىلنىڭ كەڭ تارقىلىشى ھازىرقى زامان نېمىسچىسىنىڭ شەكىللىنىشگە ياردەمدە بولغان. | ||||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
38 دۆلەتتە تەخمىنەن 120 مىلىيون كىشى تەرىپىدىن سۆزلىشىلىدىغان نېمىسچە، بولۇپمۇ گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە ۋە شۋېتسىيەدە ئىشلىتىلىدۇ. تۈركىيەدە 25 مىڭ ئەتراپىدا نېمىس ياشايدۇ. بۈ گۇرۇپ كونا تەبىر بىلەن "Bosporus-Deutsche" ("بوغازئىچى نېمىسلىرى") ۋە ئاق دېڭىز رايونىدا ياشىغۇچى نېمىسلاردىن تەشكىل تاپماقتا.