From Wikipedia, the free encyclopedia
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى (ئەرەبچە: المملكة العربيّة السعوديّة), ئاسىيانىڭ غەربىگە، ئەرەب يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ دۆلەتتۇر. غەربىي شىمالدا ئىئوردانىيە، شىمال ۋە شەرقىي شىمالدا ئىراق، شەرقتە كۇۋەيت، قاتار، بەھرەين ۋە بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى، شەرقىي جەنۇبتا ئۇممان، جەنۇبتا يەمەن، شەرقىي شىمالدا پارس قولتۇغى ۋە غەربتە قىزىل دېڭىز بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ. بۇ يەرگە ئىككى مۇقەددەس مەسجىت توپرىغى ھەم دېيىلىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنىغا كۆرە مۇقەددەس بولغان ئىككى شەھەر مەككە ۋە مەدىنە بۇ دۆلەتتە يەر ئالىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان، ئوتتۇرا شەرقتىكى پۈتۈن پارس قولتۇغى ئەللىرىدە بولغانىدەك تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى المملكة العربية السعودية Suudi Arabistan | ||||||||||||||||||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
ئەرەب يېرىم ئارلىلىنىڭ بۈيۈك بىر قىسمىدا مىڭ يىللاردىن بېرى كۆچمەن قەبىلە ھاياتى سۈرۈلۈپ كەلگەن. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 571- يىلى مەككەدە توغۇلىشى، دۇنيا تارىخىدە يېڭى بىر دەۋىر باشلىتىپ، ئەرەبىستاننىڭ ئورنىنى يۈكسەلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمەسىي خانەدانىنىڭ، شامنى پايتەخت قىلىشى بىلەن، ئىسلام ئالەمىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى سۇرىيە تەرەپكە قايدى (692). ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ 16. ئەسردىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قەدەر، ئوسمانلى ئىدارەسىدە بولدى.
1730- يىللاردا ئوتتۇرىغا چىققان ۋەھھابىي ھەرىكىتى 1745- يىلى سەئۇد ئائىلىسى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى. 1902- يىلى كۇۋەيتتە سۈرگۈندە بولغان ئابدۇلئەزىز بىن سەئۇد، رىيادقا قايتىپ يېڭىدىن سىياسىي ئىزدىنىش يولىغا قويۇلدى. ئۇ يىللاردا ئوسمانلى دۆلىتى بۇ ئەھۋالنىڭ قارشىسىدا ئابدۇلئەزىزنىڭ دادىسى ئابدۇرراھماننى رىياد ھاكىمى تەئيىن ئەتتى. بالقان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسمانلى ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ رايوندا ئازىيىشىنى پۇرسەت بىلگەن نەجىت ئەمىرى ۋە ۋەھھابىي ئىمامى بولمىش ئابدۇلئەزىز بىن سەئۇد، ئىدارىي مەركەز بولمىش ھاسا\ئاھسانى قولغا كىرگۈزدى (1913). كېيىنچە 1921-1926 ئارىسى خائىل، مەككە، جىددە ۋە ئەسرنى قولغا كىرگۈزۈپ توپراقلىرىنى كېڭەيىتتى ۋە 1926- يىلى ھىجاز قىرالى، 1931- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان قىرالى (پادىشاھى) ئېلان قىلىندى. 1936- يىلى تۇنجى نېفىت زاپىسىنىڭ بايقىلىشى، ئەمما ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە سالماقلىق بىر شەكىلدە نېفىت قۇدۇغى قېزىلمىغان بولسىمۇ، ئابدۇلئەزىز بىن سەئۇدنىڭ ئۆلىمىدىن (1953) كېيىن، ئورنىغا چىققان ئوغلى سەئۇد بىن ئابدۇلئەزىزدىن ئىتىبارەن ھەم قىرال ھەم باشۋەزىر بولدى، 1964- يىلى سەئۇدىي ئائىلە مەجلىسىنىڭ قارارى بىلەن تەختتىن تۈشۈرۈلدى ۋە ئورنىغا قېرىنداشى فايسال بىن ئابدۇلئەزىز چىقارىلدى (1964-11-02). مەملىكەتنى زامانەۋىيلەشتۈرۈشكە كىرىشكەن فايسال بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ 1975- يىلى جىيەنلىرىدىن بىرى تەرەفىدىن ئۆلتۈرۈلىشىدىن سوڭرە، ئورنىغا چىققان ئۇكىسى خالىد بىن ئابدۇلئەزىز، 1979- يىلى مىسىر - ئىسرائىل تېنچلىق توىتامىغا شىددەت بىلەن قارشى چىقىش بىلەن بىرگە، ئەرەب - ئىسرائىل كېلىشەلمەسلىكىدە مۆتىدىل بىر سىياسەت تۇتتى. خالىد بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ 1982- يىلدىكى ئۆلۈمى بىلەن ئورنىغا فەھد بىن ئابدۇلئەزىز ئۆتتى.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا 13 دانە ئۆلكە بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۆلكىلىرى | |
==يەر تۈزۈلىشى==بهبنصسوبرمسظيورىظزسيرميزرزيظيزيزرزويؤنيؤزيزؤزيزي بعبتيورر
پادىشاھلىرى:
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.