سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى
From Wikipedia, the free encyclopedia
سوۋېت سوتسىيالىسيىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى __ (روسچە: Союз Советских Социалистических Республик\Soyuz Sovetskih Sotsialistiçeskih Respublik؛ قىسقارتىلمىسى: cccp، ئېنگ: قىسقارتىلمىسى : USSR)، قىسقارتىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقى، 1922 - يىلى 12-ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 1991 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگىچە مەۋجۇد بولغان بولۇپ ئىتپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر شەكلىدىكى دۆلەت قۇرۇلما شەكلىنى يولغا قويغان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. ياۋروپانىڭ شەرقىي ۋە ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان . يەر كۆلىمى 22 مىليون 400 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتېر بولۇپ دۇنيا بويىچە زىمىنى ئەڭ چوڭ دۆلەت . نوپوسى 290 مىليون 100 مىڭ ( 1990 - يىل ) . 100 دىن كۆپەرەك مىللەت بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە روسلار %51 نى، ئوكرائىنلار %15 نى، ئۆزبېكلەر %6 نى، بىلىروسلار %4 نى، باشقا قازاقلار ، تاتارلار ، ئەزەربەيجانلار ، ئەرمىنىيەلىكلەر ، گىروزىنلار، موردوۋالار ، تاجىكلار ، لىتۋالىقلار ، تۈركمەنلەر ، گىرمانلار ، قىرغىزلار ، يەھۇدىيلار ، لاتۋىيىلىكلەر ، ئىستونىيەلىكلەر بولۇپ %24 نى تەشكىل قىلىدۇ .
دۆلەت تىلى روس تىلى . 200 دىن كۆپەرەك تىل ۋە يەرلىك دىئالىكىت ( يەرلىك شىۋە ) بار بولۇپ ، سىلاۋىيان تىل سېستىمىسىدىكىلەر %75 نى ، ھىندى - ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكىلەر %8 نى ، ئالتاي تىل سېستىمىسىدىكىلەر %12 نى ، ئورال تىل سېستىمىسىدىكىلەر %3 نى ، كاپكاز تىل سېستىمىسىدىكىلەر %2 نى تەشكىل قىلىدۇ .
ئاساسلىق دىن روسلارنىڭ پىراۋىسلاۋىيە دىنى ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىرستىيان دىنى ، يەھۇدىي دىنى ۋە ئىسلام دىنى مەۋجۇت بولغان . پايتەخت موسكىۋا . سوۋېت ئىتتىپاقى روسىيە ، ئوكرائىنا ، بىلىروسىيە ، ئۆزبېكىستان ، قازاقىستان ، گىروزىيە ، ئەزەربەيجان ، تاجىكىستان ، قىرغىزىستان ، تۈركمەنىستان ، ئەرمىنىيە ، موردۇۋا ، لاتۋىيە ، لىتۋا ، ئىستونىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش رىسپوپلىكىلارنى ۋە باشقىرت ، بوريات ، داغىستان ، قارا قالپاق ( ھازىرقى ئۆزبېكىستاندا ) ، كارا بالدا - بايقال ، قىرمىز ، كارىرىيە ، كېمى ، مالى ، شىمالىي ئوسىتىي ، تاتارىستان ، توۋا ، ۋودمۇرت ، چېچىن - ئىنگۇش ، چۇۋاشىيە ، ياقۇت ، ئابغازىيە ، ئازار ، ناشچىفان قاتارلىق 20 ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت ، 8 ئاپتونۇم ئوبلاست 10 ئاپتونۇم رايون ۋە 129 چېگرا رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
سوۋېت ئىتتىپاقى ئاساسى قانۇنىدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى فىداراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇپ 15 ئىتتىپاقتا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ، ئۆزلىكىدىن قوشۇلۇش پىرىنسىپى بويىچە تەشكىللەنگەن دەپ بەلگىلەنگەن . پايتەخت موسكىۋا . دۆلەت باشلىقى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتى رەئىسلەر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى دەپ ئاتالغان بولۇپ ، كېيىن ھوۋېت ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭى دەپ ئاتالغان . ھۆكۈمەت باشلىقى مىنىستېرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى دەپ ئاتىلىدۇ . ھەربىي كۈچ سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ .
دۆلەت شوئارى : پۈتۈن دۇنيا پۇرۇلتارلىرى بىرلىشىڭلار ! دۆلەت تىلى : روس تىلى . پايتەخت : موسكىۋا ، يەر كۆلىمى : دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا بولۇپ ، 22 مىليون 402 مىڭ 200 كۇۋادىرات كىلومېتېر ، نوپوسى : 293 مىليون 47 مىڭ 571 ( 1991 - يىل 7 - ئاي ) . دۆلەت قۇرۇلغان كۈن : 1917 - يىلى 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ، پارچىلانغان ۋاقتى : 1991 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ، پۇلى : روپىيە ، ۋاقىت رايون پەرقى : 3+ دىن 11 + غىچە ، دۆلەت شېئىرى : ئىنتېرناتسىيىۇنال شېئىرى ( 1917 - 1991 ) ، خەلقئارالىق رايون قىسقارتما نامى : SU ( ھازىرمۇ ئىشلىتىلمەكتە ) .