From Wikipedia, the free encyclopedia
سانجۇ بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى گۇما ناھىيىسى گە جايلاشقان، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە. شەرقتە زاڭگۇي يېزىسى، دۇۋا بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپىدە قوشتاغ بازىرى، شىمالدا مۇجى بازىرى، جەنۇبتا كەڭقىر قىرغىز يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكە ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 45 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى 61.5 كىلومېتر، ئومۇمىي كۆلىمى 2767.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ھازىر سانجۇ يېزىسىنىڭ قارىمىقىدا 19 مەمۇرىي كەنت، 100 ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.
سانجۇ بازىرى
桑珠镇.Sanju Town | |
گۇما ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | بازارلىق |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | خوتەن ۋىلايىتى |
ناھىيە | گۇما ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 19 دانە |
نوپۇس | 30 مىڭ |
تور بېكەت | گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى |
بۇ يېزىنىڭ شەرق، غەرب، جەنۇب ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان، يەر شەكلى شىمالغا قىيسايغان، كۆپ تاغلىق ھەم ئازراق شورلۇق، سازلىق . دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1700-5500 مېتىر، قۇرۇقلۇق كىلىماتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃10، قىروسىز مەزگىل 180 كۈن، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى بىر قەدەر كۆپ. يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 55086 مو، سانجۇ دەرياسى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، شىمالغا ئېقىپ ئۆتىدۇ. سانجۇ يېزىسىدا دېھقانچىلىقنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە قىلىدۇ.
يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، پۇرچاق تۈرىدىكى زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن مايلىق دان، بېدە ۋە ئازراق مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي نى ئاساس قىلىدۇ، ئات، تۆگە، قوتاز، ئېشەكقاتارلىقلارمۇ بار. ياڭاق، جىگدە، ئۆرۈك قاتارلىقلار بار، ئۇنىڭدىن قالسا ئۆرۈك سورتى 20 خىلدىن ئاشىدۇ. ئورمانلاردا جەرەن، سۇغۇ، تۈلكە، سۈلەيسۈن قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ۋە چاتقال كەكلىكى، بۈركۈت، ئۆردەك، ياۋا غاز ۋە كەپتەر قاتارلىق ياۋايى ئۇچار قاناتلىقلارمۇ بار. يەنە قانتېپەر، چۈچۈكبۇيا، يەر مەدىكى، ئارپىبەدىيان، پۇراقلىق ھىندى پەرەڭگۈلى قاتارلىقلارمۇ بار.
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.