زاۋا بازىرى
From Wikipedia, the free encyclopedia
زاۋا بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى دىكى قاراقاش ناھىيىسى بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 12 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. 2012-يىلى ئۆزگەرتىپ زاۋا بازىرى قىلىنغان. تەۋەسىدە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى «شاخلىق فېئودال قورۇق خارابىسى» بار. زاۋا بازىرى شىمالدا ئۇرچى يېزىسى، كۇيا بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتە ئاقساراي يېزىسى، جەنۇبتا سايباغ يېزىسى، غەربتە گۇما ناھىيىسى پىيالما يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 356 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 52504 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.16 مو.
زاۋا بازىرى
扎瓦镇.Zawa Town | |
قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | بازارلىق |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | خوتەن ۋىلايىتى |
ناھىيە | قاراقاش ناھىيىسى |
مىللەتلەر |
ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 34 دانە |
نوپۇس | 60 مىڭ |
تور بېكەت | قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى |