From Wikipedia, the free encyclopedia
بېلارۇسىيە زىمىنى سىلاۋيانلارنىڭ ئانا زىمىنى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇن ھۇنلارنىڭ پاراكەندىچىلىك سالىدىغان يايلىقى ئىدى. مىلادىدىن كېيىن گۇتلار(گېرمانىيىلىكلەرنىڭ ئەجدادى)بېلارۇسىيە زىمىنىدىن سۇيۇرغال سۈپىتىدە پايدىلانغان، 6-7-ئەسىرلەردە جەنۇپقا كۆچكەن بىر قىسىم لىتۋالىقلار بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ كىچىك بەگلىكلەرنى قۇرغان،9-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە ككپ قىسىم زىمىنى كىيىۋرۇس بەگلىكىگە تەۋە بولغان. 14-ئەسىردە قۇرۇلغان پولەك-لىتۋا بىرلەشمە پادىشاھلىقى دەۋرىدە بېلارۇسىيە تۇنجى قېتىم بىر مۇنتىزىم بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيەت ئاستىدا بىر دۆلەتنىڭ زىمىنى بولغان. 17-ئەسىردىن كېيىن بېلارۇسىيىنىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى روسىيە ئىمرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بېلارۇسىيە مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ كۆپ ئۆتمەيلا سوۋېت ئىتىپاقىغا قوشۇلغان، 1938-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى پولشانىڭ شەرقىدىكى بىرىست ۋە خىرودنا دىن ئىبارەت ئىككى ئوبلاستنى تارتىۋېلىپ بېلارۇسىيىگە قوشۇپ بەرگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بېلارۇسىيە مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ب د ت غا ئەزا بولۇپ سوۋېت ئىتىپاقى تەركىۋىدىكى ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بولغان. 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى سابىق سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلانغاندا بېلارۇسلار ئۇمۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان. بېلارۇسىيە سابىق سوۋېت ئىتىپاقىدىكى بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدىنلا قالسا بىر قەدەر باي جۇمھۇرىيەت بولۇپ، تۇپرىقى ئۈنۈملۈك، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمى كەڭ، سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئاساسلىق ئاشلىق ۋە ماشىنىسازلىق بازىسىنىڭ بىرى ئىدى. پارچىلانغاندىن كېيىن گەرچە يەككە ئىگىلىككە ئادەتلىنىپ قالغان بېلارۇسىيىنىڭ ئېكىسپورتى تەسىرگە ئۇچرىغاندىن سىرت ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى جازاسىغا ئۇچراپ ئىقتىسادى تېز چېكىنگەن بولسىمۇ، ئەمما بېلارۇسىيە رۇسىيە نېفىت ۋە گازلىرىنىڭ ياۋروپاغا چىقىش ئېغىزى بولغاچقا ئەسلىدىكى سانائەت ئاساسى، رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى ساپالىق مەلىكىلىك خادىملارغا تايىنىپ يەنىلا ئوتتۇرا سەۋىيىدىكى ھاللىق دۆلەتلەر قاتارىدا كېتىۋاتىدۇ. 2006-يىلى بېلارۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %9.3، سانائەت %31.6، مۇلازىمەت %59.1نى ئىگەللەيدۇ. -2006يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 3مىلىيۇن284مىڭ، يانپون ئابونتى 4 مىليۇن100مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 3مىلىيۇن 394مىڭ بولغان.
ّ
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.