بۈلەكچە زەنجىرى
From Wikipedia, the free encyclopedia
بۈلەكچە زەنجىرى (ئىنگىلىزچە: Blockchain)2008-يىلى بارلىققا كەلگەن، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئىشەنچلىك تەقسىملەنمە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بولۇپ، تەقسىملىمە ۋە ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ئىككى چوڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ تۆۋەن قاتلىمى ئاساسلىقى ئالتە چوڭ يادرولۇق تېخنىكا : ئورتاق تونۇش مېخانىزمى، سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاش، شىفىرلاشتۇرۇشنى ھېسابلاش ئۇسۇلى، P2P تور كېلىشىمى، يان زەنجىر تېخنىكىسى ۋە ئەقلىي ئىقتىدار توختامىدىن ئىبارەت.
بىر تەرەپتىن، بۆلەكچە زەنجىرى بىر خىل نۇقتىدىن نۇقتىغا تەقسىملەنمە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ھېسابات دەپتىرى بولۇپ، بۇ ھېسابات دەپتىرى نۇرغۇن « بۈلەكچىلەردىن» بەلگىلىك تەرتىپ بويىچە تەركىب تاپىدۇ، بارلىق بۆلەكلىرىدە ھېچقانداق ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ، پەقەت سانلىق مەلۇمات قوشۇش، پۈتۈنلەي يېڭى بۆلەكلىرىدە ساقلاشقا بولىدۇ. بۇ يېڭى بۈلەكچەنىڭ لاياقەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بارلىق نۇقتىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، باھالاش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.
يۇقىرىدىكى تېخنىكا ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن، بۈلەكچە زەنجىرى ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاشكارا بولۇش، بىخەتەرلىك قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى.