From Wikipedia, the free encyclopedia
ئەھلى سۇننە ۋەلجامائە، ئەھلى سۇننەت ياكى سۇننىلىك (ئەرەبچە: أهل السنة والجماعة)، ئىسلام دىنىغا مەنسۇب، كۈنىمىزدىكى ئىككى چوڭ مەزھەبنىڭ بىرى (يەنە بىرى شىئەلىك)ۋە ئەڭ چوڭىدۇر. مۇسۇلمان ئالەمىنىڭ 83% لىك بىر قىسمى ئەھلى سۇننە ۋەلجامائەگە مەنسۇبدۇر. بەئزىدە سۇننىي ئىسلام ياكى سۈننىي مەزھىبى ئىپادىسىمۇ قوللىنىلىدۇ. سۇننى ئېقىمى ئۆز ئىچىدە كۈنىمىزدە مەۋجۇت ئەقائىد مەزھىبى (ماتۇرىدىلىك - ئەشئارىلىك)، تۆرت فىقىھ مەزھىبى (ھەنەفىي، شافىي، مالىكىي، ھەنبەلىي) ئۆز ئىچىگە ئالماقتا.
|
سۇننىي ڧىقىھ مەزھەبلىرى ھەنەڧىي، شاڧىئي، مالىكىي، ۋە ھەنبەلى مەزھەبلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ تۆرت مەزھەبتىن تۇنجىسى بولغان ھەنەڧىي مەزھىبى ئەقائىدتە ماتۇرىدىيەگە باغلىق بولۇپ، شاڧىئي، مالىكىي ۋە ھەنبەلى مەزھەبلىرى ئەشئارىيەگە باغلىقتۇر. ئەھلى سۈننەتنىڭ ئىتىقادىي مەزھەبلىرى بولمىش ئەشئارىيە ۋە ماتۇرىدىيە مەزھەبلىرى ئارىسىدا ئىتىقادىي تەرەپتىن چوڭ پەرق يوق. ئىتىقاد سەۋىيەسىدىكى پەرقلەر پەقەتلا ئۇششاق ھالقىلاردىن ئىبارەت. ئەمما ڧىقھى مەسىلىلەردە يەئنى تەتبىق ۋە ئىبادەتلەردە تۆرت ڧىقھى مەزھەب ئارىسىدا بەئزى ڧەرقلەر باردۇر.
ھەنبەلى مەزھىبىدىن ئايرىلىپ چىققان ئىبنى تەيمىييە ۋە ئىبنى قەييۇم ئەل جەۋزىييەگە ئوخشاش ئالىملارنىڭ ڧىقھى كۆرۈشلىرى كۈنىمىزدە، 18- ئەسردە ئەرەبىستاندا دىنىي ۋە سىياسىي بىر ھەرىكەت شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋەھھابىيلىك دائىرىسىدە تونۇلۇپ مەۋجۇدىيىتىنى سۈردۈرمەكتە. ئىبنى تەيمىييەنىڭ قاراشلىرىنى تېخىمۇ ئاشقۇن بىر ھالغا كەلتۈرگەن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەھھابىيلەرىدۇر. ۋەھھابىيلەرنىڭ بەئزى ئىتىقادىي كۆرۈشلىرى ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەدىن ڧەرقلىقتۇر. بۇ ۋەجدىن سۇننىيلەر، ۋەھھابىيلەرنى ئەھلى سۈننەتتىن دەپ سانىمايدۇ.
سۈننىي مەزھەبلەر تۆرتتۇر:
بۇ تۆرت سۈننىي ڧىقىھ مەزھىبىدىن باشقا ڧىقىھ مەزھەبلىرى بولسىمۇ ئەرگەشكۈچىلىرى ئاز ۋە كۆپ تونۇلمىغان ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوقاپ كەتكەن، ئەرگەشكۈچىلىر تەرىپىدىنمۇ قەيد قىلىنمغاندۇر.
سۈننىيلەر ھەر مۇسۇلماننىڭ بۇ مەزھەبلاردىن بىرىنى قەبۇل قىلىپ، ئىش ھەركىتىنى تاللىغان شۇ مەزھەبكە كۆرە ئاتقارىشى كېرەك دەپ قارايدۇ ۋە مەزەبلەرنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشى مەنىسىدىكى تەلڧىقى مەزاھىب نى جائىز كۆرمەيدۇر.
قۇرئاننىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى پۈتكۈل مۇسۇلمان گۇرۇھلار تەرىپىدىن قەبۇل قىلىنغان بولۇش بىلەن بىرگە ھەدىس ھەققىدە تۈرلۈك ئىسلامى گۇرۇھلارنىڭ تۈرلۈك قاراش ۋە تۈشەنچىلىرى باردۇر. ھەدىسلەر ئىسلامىيەتنىڭ دەستلەپكى دەۋىرلىرىدىكى پەيغەمبەر ۋە ياقىنلىرىنىڭ ئىبادەتكە، مۇئامىلەت دېيىلىدىغان دىندىكى تۈرلۈك تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك قاراش ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان قەيتلەردۇر. مۇسۇلمان ئالىملار پەيغەمبەرنىڭ ۋاڧاتىدىن سوڭرە ئىسلام توپلۇمى يۈزلەشكەن مەسلىلەرگە قۇرئاندىن ۋە سۈننەتتىن سوڭرە ئۈچىنچى مەنبئە قەبۇل قىلىنغان ھەدىسلەردىن دەلىللەر بىلەن يېشىم كەلتۈرۈشكە تىرىشقان. سۇننىيلىك، شىئەلىكنىڭ ئەكسىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ياشىغان پەيغەمبەرنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتۈن يارەنلىرىگە (ساھابە) دىننىڭ ئىشەنچىلىك مەنبئەسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلغاچقا تۈرلۈك ھەدىس ئالىملىرى ھەدىس ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن كۆرگەن پۈتۈن ھەدىسلەرنى قايسىبىر ساھابە قانالى بىلەن كەلسە كەلسۇن قەبۇل قىلماقتا. يەنە سۇننىيلەر دەستلەپكى تۆرت خەلىڧە (ئەبۇبەكرى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان بىننى ئەففان، ئەلى بىننى ئەبى تالىب) ھەزرىتى مۇھەممەددىن سوڭرە كەلگەن ئىشەنچىلىك ۋە ھۆرمەتكە لايىق دىنى شەخسىيەتلەر دەپ قارايدۇ. ئەمما شىئەلەر ئىلك ئۈچ خەلىپىنى (ئەبۇ بەكر، ئۆمەر ۋە ئوسمان) ئەلىنىڭ ھەققى بولمىش خەلىپىلىكنى تۈرلۈك يوللار بىلەن تارتىۋالغان كىشىلەر دەپ قارايدۇ. شىئەلەرنىڭ بىر قىسمى ساھابەلەرنى ئىشەنچىلىك كۆرمەيدۇ، پەقەتلا 12 ئىمامدىن كەلگەن ھەدىسلەرنى توغرا ۋە ئىشەنچىلىك دەپ قارىسا، سۇننىيلەرنىڭ پۈتۈن ساھابەلەرنى ئىشەنچىلىك دەپ قەبۇل قىلىشى ئىككى گۇرۇھنىڭ ھەدىس كۈللىياتلىرى بىر قىسىم پەرقلەرنى توغدۇرغان.
سۇننىي ئىسلام تۈشەنچىسى ھەزرىتى پەيغەمبەردىن رىۋايەت قىلىنغان ئىشەنچىلىك (سەھىھ) قەبۇل قىلىنغان كۇتۇبى سىتتە دەپ ئاتالغان ھەدىس كىتابلار تۆۋەندىكىچە:
كۇتۇبى سىتتە قەدەر مەشھۇر بولمىسىمۇ ئىتىراپ قىلىنغان باشقا ھەدىس مەنبئەلىرى تۆۋەندىكىچە:
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.