قىتئە From Wikipedia, the free encyclopedia
ئافرىقا، يەر مەيدانى ۋە نۇپۇس زىچلىقى نوقتىسىدىن دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ قىتئەسىدۇر. ئۆزىگە باغلىق دەپ قارالغان ئاراللار ئىلە بىرلىكتە 30.8 مىلىيون كلومېتر2 لىق چوڭلىقى بىلەن دۇنيا ئومۇمىي يۈزىنىڭ 6% سىنى ۋە دۇنيا قۇرۇقلۇق مەيدانىنىڭ 24.4% ىنى قاپلايدۇ. 1 مىلىيارد كىشىلىك نۇپۇسى ئىلە دۇنيا نۇپۇسىنىڭ 15% ىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئافرىقاشىمالدا ئاق دېڭىز، جەنۇبتا ھىندى ئوكيان، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيان، شەرقتە سىنا يېرىم ئارىلى، قىزىل دېڭىز ۋە سۇۋەيىش قانىلى بىلەن ئورۇلۇپ تۇرىدۇ. ماداغاسقار ۋە تۈرلۈك تاقىم ئاراللىرى ھەم ئۇنىڭغا تەۋەدۇر. قىتئەدە 54 دېپلوماتىك ئېتىراپ قىلىنغان مۇستەقىل دۆلەت، توققۇز رايون ۋە 3 مەلۇم دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىنغان دۆلەت باردۇر.
ئافرىقا | ||||||||||
|
پۈتۈن قىتئەلەر ئاراسىدا ئەڭ كۆپ ياش نۇپۇس ئافرىقىدا ياشىماقتا. ئافرىقالىقلارنىڭ 50% سى 19 ياشنىڭ ئاستىدادۇر. ئالجىرىيە يۈز ئۆلچىمى ئەڭ چوڭ ئافرىقا دۆلىتى، نۇپۇس جەھەتتە ئەڭ چوڭ ئافرىقا دۆلىتى بولسا نىگېرىيەدۇر. بولۇپمۇ غەربىي ئافرىقا ئىنسانىيەتنىڭ بۆشۈكى دەپ قارىلىدۇ.
ئافرىقا، تۈرلۈك ئىقلىم بەلباغلىرى بولغان ئېكۋاتورنىڭ ھەر ئىككى تەرەپىدە ۋە دۇنيا يۈزىدە ھەر ئىككى ئىقلىم بەلباغىغا ئۇزانغان بىردىنبىر قىتئەدۇر.
ئافرىقا ئېتنىك، مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىن ئىنتايىن رەڭگارەڭ بىر قىتئەدۇر. 19. ئەسرنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا ئەللىرى تامانىدىن سۈمۈرگە قىلىنغان. ئافرىقانىڭ زامانەۋىي دەۋلەتلەرى 20. ئەسردىكى مۇستەملىكەلەرنىڭ مۇستەقىللىق باسقۇچىدىن سوڭرە ئوتتۇرىغا چىققان. ئافرىقا ئەللىرى قىسمەن 1881-1914 يىللاردىكى ئافرىقا تالانى ئەسناسىدا شەكىللەنگەندۇر.
ئافرىقا |
ئانتاركتىدا |
ئاسىيا |
ياۋروپا |
ئوكيانىيە |
شىمالىي ئامېرىكا |
جەنۇبىي ئامېرىكا | |||||||||||||||||||||
ئافرىقا-ياۋروئاسىيا |
ئامېرىكا |
ياۋروئاسىيا |
ئاۋسترالىيە | ||||||||||||||||||||||||
گئېولوگىك قىتئەلەر گوندىۋانا • لاۋراسىيا • پانگېئا • پانوتيا • رودىنايا • كولومبىيە • كېنورلاند • نېئا • ئۇر • ۋالبارا | |||||||||||||||||||||||||||
ئەپسانەۋىي قىتئەلەر ئاتلانتىس • كەرگۇئەلەن يايلىقى • لەمۇرىيە • مۇ • تەررا ئاۋۇسترالىس • زېئالاندىيە |
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.