From Wikipedia, the free encyclopedia
پەيشەنبەبازار يېزىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Peyshenbebazar Yézisi)ئاقسۇ ۋىلايىتى نىڭ توقسۇ ناھىيىسى گە جايلاشقان. پەيشەنبەبازار يېزىسى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا سەككىز كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقتە ئىچئېرىق بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى شايار ناھىيىسى يېڭىمەھەللە يېزىسى بىلەن چېگراداش، غەربتە تاشئېرىق يېزىسى، شىمالدا توقسۇ بازىرى توقسۇ كەنتى بىلەن تۇتىشىدۇ.
پەيشەنبەبازار يېزىسى
排先拜巴扎乡.Peyshenbebazar Township | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
ۋىلايەت | ئاقسۇ ۋىلايىتى |
شەھەر | توقسۇ ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 15 دانە |
نوپۇس | 15.3 مىڭ |
يەر مەيدانى | 61.7 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى) |
تېلېفون رايون نومۇرى | 997(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新N |
پەيشەنبەبازار يېزىسى تەۋەلىكىدە 15 مەمۇرىي كەنت بار : پەيشەنبە بازار كەنتى، ئارامەھەللە كەنتى، چوڭتوغراق كەنتى، نۇرباغ كەنتى، كالتە قېچىچى كەنتى، چوڭ قېچىچى كەنتى، قۇملۇقئېرىق كەنتى، قارادۆڭ كەنتى، خاداڭ كەنتى، قۇمكۆل كەنتى، سۆگەتقوتان كەنتى، يۇڭفېڭجۇاڭ كەنتى، موما توغراق كەنتى، پوتەي كەنتى، توپا دۆڭ كەنتى.
بىر دېھقانچىلىق مەيدانى، 55 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. پەيشەنبە بازار ئۆستىڭى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئاقىدۇ، يېزىنىڭ ئاساسلىق سۇغىرىش مەنبەسى.
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.