From Wikipedia, the free encyclopedia
مۇھەممەد II (مۇھەممەد ئىككىنچى) (ئوسمانلىچە: محمد ثانى Meḥmed-i s̠ānī) داڭقى كەتكەن ڧاتىھ سۇلتان مۇھەممەد، قىسقىچە ڧاتىھ (ئوسمانلىچە: فاتح) ياۋروپادا تانۇلغان ئاتى بىلەن: Grand Turco (بۈيۈك تۈرك) ياكى Turcarum Imperator (تۈرك ئىمپېراتورى)[1][2][3]؛ (1432- يىلى 30- مارت — 1481- يىلى 3- ماي)[4][5]، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ يەتتىنچى پادىشاھىدۇر. تۇنجى قېتىم 1444-1446 يىللار ئارىسى قىسقا بىر مۇددەت، كېيىنچە ئىسە 1451 — 1481 يىلىدىكى ئۆلىمىگە قەدەر 32 يىل بويىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
سۇلتان مۇھەممەدخان II، 21 ياشىدا ئىستانبۇلنى ڧەتىھ قىلىپ مىڭ يىللىق بىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى گۇمران قىلدى ۋە بۇ ۋاقىئە نۇرغۇن مۇئەررىخلەر تامانىدىن ئوتتۇرا ئەسر ئاخىرلىشىپ يېقىنقى زاماننىڭ باشلىنىشى دەپ قەبۇل قىلىنىدۇ.[6] ڧەتىھتىن سوڭرە ڧەتىھنىڭ ئاتاسى مەناسىغا كەلگەن "ئەبۇل ڧەتىھ"، ئوسمانلى تۈركىي تىلىدە "ابو الفتح" بىلەن، كېيىنچە بولسا "چاغ ئاچقان ھۆكۈمدار" ۋە "قەيسەرى رۇم" (رۇم ئىمپېراتۇرى، ئوسمانلى تۈركىي تىلىدە: قیصر روم) ئۇنۋانى بىلەن ياد قىلىندى.
ڧاتىھ سۇلتان مۇھەممەدخان، ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرەتى مۇھەممەدنىڭ بىر ھەدىسىگە نائىل بولغانلىقى ئۈچۈن كۈنىمىزدە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ دائىرىدە، بولۇپمۇ تۈركىيەدە "قەھرىمان" دەپ قەبۇل قىلىنماقتا.
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.