From Wikipedia, the free encyclopedia
ئوترار (Otrar، خەنچە: 訛答剌) بۇگۈنكى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى جەنۇبىي قازاقىستان ۋىلايىتى چىمكەنت شەھرى ئالس دەرياسى ۋە سىر دەريانىڭ كېسىشكەن جايىغا جايلاشقان. كۇچانىڭ 500 چاقىرىم غەربىگە جايلاشقان، قەدىم خارەزىم خانلىقىنىڭ شەرقتىكى مۇھىم شەھەر بازارلىرىدىن بىرى.
تارىختا بۇ يەر تىجارەتچىلەرنىڭ ۋولگا ۋادىسى، ئۇرال تاغلىرى، پېرسىيە، ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىگە بېرىشتا ئۆتەر يولى ئىدى. شىمالى قىپچاق دالاسىغا تۇتىشىدۇ. مەشھۇر ئىسلام ڧەيلاسۇبى ڧاربى بۇ شەھەردە توغۇلغان، كېيىنچە قاراخانىيلار خانلىقى، قارا قىتان خانلىقى دەۋرىدە قارلۇقلارنىڭ كونترولى ئاستىدا ئىدى.
1217 يىلى، خارەزم شاھلار خانلىقى ئەمەلدارى ئىنالجىق ئەبۇلخەيرخان چىڭگىزخان تامانىدىن يوللانغان ئەلچى كارۋانىنى جاسۇس تۇججارلار دەپ قاراپ ماللىرىنى مۇسادىرە قىلدى ۋە سۇلتانغا مەئلۇم قىلدى. ھەتتا ئۆز ئالدىغىلا تۇججارلارنى ئۆلتۈرۈپ پەقەت بىرىسىنى موڭغۇل يايلىقىغا قايتىشقا يول قويدى. چىڭگىزخان بۇ ئىشتىن كېيىن ئەبۇلخەيرخاننى تەلەپ قىلدى، لېكىن قانائەتلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن موڭغۇللارنىڭ تۇنجى غەربكە يۈرىشىنى تۇغدۇردى، بۇ شەھەر 1220- يىلى 2- ئايدا شەھەر ۋەيران قىلىندى. شەھەر ئەمىرى ئىنالجىق ئېرىتىلگەن ئالتۇن كۈمۈشلەرنى قۇلاق ۋە كۆزلىرىگە قۇيۇلۇپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ شەھەر ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا بېرىلدى، كېيىنچە چاغاتاي خانلىقى توپراقلىرىغا قوشۇلدى.
كېينچە بۇ شەھەر بىر مەزگىل قايتا گۈللەنگەن، تېمۇرلەڭ 1405- يىلى 18- ھۇد شەرقتىكى مىڭ خانلىقىغا يۈرۈش قىلماق بولغاندا بۇ شەھەردە قايتىش بولغان. شەھەر كېيىنچە جۇڭغار خانلىقى تامانىدىن تامامەن ۋەيران قىلىنغان.
18- ئەسردە بۇ يەردە پەقەتلا 40 ئائىلە قالغانىدى.
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.