![cover image](https://wikiwandv2-19431.kxcdn.com/_next/image?url=https://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/d/d7/Kizilsu_mcp.png/640px-Kizilsu_mcp.png&w=640&q=50)
ئۇلۇغچات ناھىيىسى
From Wikipedia, the free encyclopedia
ئۇلۇغچات ناھىيىسى ( ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Ulughchat Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. ئولۇغچات ناھىيىسى تەڭرىتاغ بىلەن كوئىنلۇن تېغى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاتۇش شەھىرى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى ئاقتو ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرپى قىرغىزىستان نىڭ ئوش ئوبلاستى بىلەن چېگرىداش، ئېركەشتام ئېغىزى دىن قىرغىزىستانغا ئۆتكىلى بولىدۇ، شىمال تەرىپى بولسا نارىن ئوبلاستى بىلەن چېگرىداش كېلىدۇ. [[تورۇگارت ئېغىزىدىن قىرغىزىستاننىڭ نارىن ئوبلاستى غا ئۆتكىلى بولىدۇ. (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 410 كىلومېتىر)، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 180 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 160 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 17 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا ئىككى بازار، توققۇز يېزا، 30 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئارىلىقى بىر مىڭ 527 كىلومېتىر.
ئۇلۇغچات ناھىيىسى
乌恰县.Ulughchat County | |
![]() | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ناھىيە |
ئوبلاست | قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر،قىرغىز |
تىللار | ئۇيغۇرچەقىرغىزچە |
بازارلىق سانى | 2 دانە |
يېزا سانى | 9 دانە |
نوپۇس | 221 مىڭ |
يەر مەيدانى | 19,118.11 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى) |
تېلېفون رايون نومۇرى | 908 (0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新P |