![cover image](https://wikiwandv2-19431.kxcdn.com/_next/image?url=https://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/d/d0/Qeshqer_wilayiti_xeritisi%2528Uyghur%2529.png/640px-Qeshqer_wilayiti_xeritisi%2528Uyghur%2529.png&w=640&q=50)
قەشقەر شەھىرى
From Wikipedia, the free encyclopedia
قەشقەر شەھرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەربىي جەنۇبى قىسىمىغا جايلاشقان. ۋە بۇگۈنكى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەمورىي مەركىزى. قەشقەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى شىمالىي كەڭلىك 39° 24’ 26؛ شەرقىي ئۇزۇنلۇق 76° 6’ 47، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى 1290 مىتىر. قەشقەر شەھرىنىڭ 1999-يىلى ئېلان قىلىنغان نوپۇسى 205،000. قەشقەردە ھازىرقى بار بولغان قەدىمى شەھەر كوچىلىرىدىن ھېيتگاھ جامىئەسىنى مەركەز قىلغان چاسا كوچا، ئوردا ئالدى، بۇلاق بېشى، ئوردا مەسچىتى، دۈڭمەسچىت، جانقۇرغان، تۆريارباغ، كونا دەرۋازا يولى، يار بېشى كولالىچىلار مەھەللىسى قاتارلىق جايلار ئۆستەڭ بويى ئەتراپلىرىغا مەركەزلەشكەن. ئوردا بېشى يولى، كونا دەرۋازا يولى، يارباغ يولى، ئارىيا يولى ئوتتۇرىسىدىكى قەدىمىي تۇرالغۇ– كوچىلار قەشقەر شەھىرىنىڭ يارباغ ئىش باشقارمىسى تەۋەسىدە بۇلۇپ، جانقۇرغان كوچىسى بىلەن بۇلاق بېشى كوچىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا يەنە 20 نەچچە تار كوچىلارغا ئايرىلغان. ئومۇمىي دائىرىسى 2 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئون نەچچە مىڭ ئاھالە ئولتۇراقلاشقان. بۇ كوچىلارنىڭ بەرپا قىلىنىش تارىخىنى مىلادى 10– ئەسىرلەرگىچە سۈرۈشكە بولىدۇ.
قەشقەر شەھىرى
喀什市.Kashgar city | |
![]() | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | شەھەر |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كوچا باشقارمىسى سانى | 4 دانە |
بازارلىق سانى | 2 دانە |
يېزا سانى | 6 دانە |
نوپۇس | 600 مىڭ |
يەر مەيدانى | 294.21 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
شەھەر باشلىقى | يالقۇن ماخمۇت |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |
تور بېكەت | قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى |