![cover image](https://wikiwandv2-19431.kxcdn.com/_next/image?url=https://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/d/db/Location_of_Makit_within_Xinjiang_%2528China%2529.png/640px-Location_of_Makit_within_Xinjiang_%2528China%2529.png&w=640&q=50)
مەكىت ناھىيىسى
From Wikipedia, the free encyclopedia
مەكىت ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى : Mekit Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بولۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. مەكىت ناھىيىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي قىسمىغا، زەرەپشان دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى گۇما ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 160 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 136 كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر بازار، 9 يېزا، 130 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ ئۈچ تۇەن - مەيدانى، ئىككى ھەربىي قىسىم دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە بىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1384 كىلومېتىر.
مەكىت ناھىيىسى
麦盖提县.Mekit County | |
![]() | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ناھىيە |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
بازارلىق سانى | 2 دانە |
يېزا سانى | 8 دانە |
نوپۇس (2017-يىل) | 272،010 [1] |
يەر مەيدانى | 11022.53 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |