![cover image](https://wikiwandv2-19431.kxcdn.com/_next/image?url=https://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/a/a7/Location_of_Maralbexi_within_Xinjiang_%2528China%2529.png/640px-Location_of_Maralbexi_within_Xinjiang_%2528China%2529.png&w=640&q=50)
مارالبېشى ناھىيىسى
From Wikipedia, the free encyclopedia
مارالبېشى ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Maralbéshi Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىگە قارايدۇ. مارالبېشى ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئاۋات ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى پەيزاۋات ناھىيىسى، يوپۇرغا ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى كەلپىن ناھىيىسى، ئاقچى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 215 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 169 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 21 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر.
مارالبېشى ناھىيىسى
巴楚县.Maralbeshi County | |
![]() | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ناھىيە |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
بازارلىق سانى | 4 دانە |
يېزا سانى | 8 دانە |
نوپۇسى (2017-يىل) | 382،186 [1] |
يەر مەيدانى | 21,741.3 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |