![cover image](https://wikiwandv2-19431.kxcdn.com/_next/image?url=https://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/d/d7/Kizilsu_mcp.png/640px-Kizilsu_mcp.png&w=640&q=50)
ئاقچى ناھىيىسى
From Wikipedia, the free encyclopedia
ئاقچى ناھىيىسى ( ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى : Aqchi Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. ئاقچى ناھىيىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالى قىسمىغا، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى توشقان دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى، كەلپىن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى، ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى قىرغىزىستان نىڭ ئىسسىقكۆل ئوبلاستى بىلەن، شەرق تەرىپى نارىن ئوبلاستى بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 276 كىلومېتىر). ئومۇمىي يەر مەيدانى 12 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيە قارمىقىدا بىر بازار، 5 يېزا، 23 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1184 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 32 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار 88.96% نى، ئۇيغۇرلار 4.55% نى، خەنزۇلار 6.28% نى، باشقا مىللەتلەر 0.21% نى تەشكىل قىلىدۇ.
ئاقچى ناھىيىسى
阿合奇县.Aqchi County | |
![]() | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ناھىيە |
ئوبلاست | قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر،قىرغىز |
تىللار | ئۇيغۇرچەقىرغىزچە |
بازارلىق سانى | 1 دانە |
يېزا سانى | 5 دانە |
نوپۇسى (2015-يىل) | 44,656 [1] |
يەر مەيدانى | 11،545.38 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى) |
تېلېفون رايون نومۇرى | 908 (0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新P |