From Wikipedia, the free encyclopedia
پۇئېر شەھىرىنىڭ (خەنزۇچە: 普洱市) يەنە بىر خىل ئاتىلىشى سىماۋ، يۈننەن ئۆلكىسىگە تەۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان.
پۇئېر شەھىرىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى سىماۋ، يۈننەن ئۆلكىسىگە تەۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان.
تەۋەلىكىدە بىر رايون، توققۇز ناھىيە بار، 2012-يىلى پۈتۈن شەھەرنىڭ نوپۇسى 258 مىڭغا يەتكەن، يەرمەيدانى 45385 كۋادرات كىلومىتىر كىلىدۇ. 2007-يىلى1-ئاينىڭ 21-كۈنى سىماۋ شەھىرى دىگەن نامىنى پۇئېر شەھىرىگە ئۆزگەرتكەن.
پۇئېر شەھىرىنىڭ سۇ ئېنېرگىيەسى ساقلىنىش مىقدارى 15 مىليون كىلوۋات بولۇپ، « غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش» ، « بۇلۇت توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» تىكى مۇھىم بازا.
مەملىكەت بويىچە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەڭ مول رايونلارنىڭ بىرى،شىمالى تىروپىك سىزىقى ئۈستىدىكى ئەڭ چوڭ بوستانلىق، بولۇپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «دۇنيانىڭ جەننىتى» دەپ ئاتالغان.
پوئېر شەھىرى يۈننەن ئۆلكىسىدىكى نوقتىلىق ئورمان رايونى شۇنداقلا،مۇھىم تاۋار،ماتېرىيال ئورمىنى مەھسۇلاتلىرى سانائىتى بازىسى.
پۇئېر شەھىرى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان بۇلۇپ، جۇغراپىيەلىك ئورنى شىمالى كەڭلىك 22°02′—24°50′،شەرقى كەڭلىك 99°09′—102°19′ ئوتتۇرىسىدا، شەرىق تەرىپى خوڭخې ئوبلاستى، يۈشى شەھىرى، جەنۇب تەرىپى شىشۇاڭبەننا ئوبلاستىغا تۇتىشىدۇ، غەربى شىمالى لىنساڭ شەھىرى، شىمال تەرىپى دالى ئوبلاستى، چۇشيوڭ شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ.
شەرقىي جەنۇبى ۋېيتنام لائوس بىلەن چېگرالىنىدۇ، غەربىي جەنۇبى بېرما بىلەن تۇتىشىدۇ، چېگرا لىنىيىسى تەخمىنەن 684 كىلومېتىر.
پۇئېر شەھىرى يۈننەن ئۆلكىسىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ مەمۇرى رايون.
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1302 مېتىر، كۈنمىڭ شەھىرى بىلەن تاشيول مۇساپىسى 415 كىلومىتىر، ھاۋايولى مۇساپىسى 305 كىلومىتىر، ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ 35 مىنۇتتا بارغىلى بۇلىدۇ.
پۈتۈن شەھەر رايونى %98 تاغلىق، شىمالى تىروپىك سىزىقى شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كىسىپ ئۆتىدۇ، ئورنى شىمالىي تىروپىك سىزىقى ئەتىراپىدا بولغاچقا يەر شەكلىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكىنىڭ تەسىرى ۋېرتىكال كىلىمات ئالاھىدىلىكى روشەن ئىپادىلىنىدۇ. دېڭىزيۈزىدىن 760 مىتىردىن3600 مىتىرغىچە.
پۇئېر شەھىرى مۇھىم ئۆتەڭ ، داڭلىق پۇئېر چېيى چىقىدىغان مۇھىم جاي، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ چاي ئىشلەپچىقىرىدىغان رايۇنلىرىنىڭ بىرى. پۇئېر تەبىئىي بايلىقى مول بولۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئالتۇن زاپىسى 103.7 توننا، تۆمۈر رۇدىسى 2 مىليارد 100 مىليون توننىغا يېتىدۇ، مىس زاپاس مىقدارى 2 مىليون 530 مىڭ توننا ، قوغۇشۇن زاپىسى 355 مىڭ توننا، جياڭچېڭ كالىيلىق تۇز كېنى مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئېرىشچان قاتتىق جىسىم كالىيلىق تۇز كانى، زاپاس مىقدارى 20 مىڭ توننىغا يىتىدۇ.
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.