From Wikipedia, the free encyclopedia
يېڭىيەر يېزىسى قاراقاش ناھىيىسى نىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان، شەرق تەرىپى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەرپ تەرىپى 47-تۈەن 1-لىيەن 2-لىيەن ۋە قوچى يېزىسى بىلەن، شىمال تەرىپى كاۋاك يېزىسى، جەنۇب تەرىپى تۈۋەت يېزىلىرى بىلەن چېگرالىنىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ناھىيە بازىرىغىچە 111 كىلومىتىر كىلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1317~1337 مېتىر بۇلۇپ، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 74 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىغۇ يەر كۆلىمى 28688 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر كۆلىمى 1.21 مو.
يېڭىيەر يېزىسى
英也尔乡.Yéngiyer Town | |
قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | خوتەن ۋىلايىتى |
ناھىيە | قاراقاش ناھىيىسى |
مىللەتلەر |
ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 27 دانە |
نوپۇس | 12 مىڭ |
تور بېكەت | قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى |
يېڭىيەر يېزىسىدا جەمئىي 12 مەمۇرىي كەنتە بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
يېڭىيەر يېزىسىنىڭ كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق چۆللۈك كېلىماتقا تەۋە بولۇپ، تۆت پەسىل ئېنىق، يازدا تومۇز ئىسسىق بولىدۇ.ئەتىيازدا ھاۋا بالدۇر ئىسسىيدۇ، كۈز پەسلىدە تېمپراتۇرا تېز، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تولۇق، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 12.5-. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2829.9 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 217 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 41.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1736.1 مىللىېمتىر. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃6.5-، قىروسىز مەزگىلى 177 كۈن، يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2250 سائەت.
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.