From Wikipedia, the free encyclopedia
ماڭلاي يېزىسى قاراقاش ناھىيىسى نىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقتە قاراقاش بازىرى، غەربتە كۇيا بازىرى، شىمالدا پۇرچاقچى يېزىسى، جەنۇبتا توخۇلا يېزىسى ۋە ئاقساراي يېزىسى قاتارلىقلار بىلەن قوشنا. كۆلىمى 24 كۋادرات كىلومېتىر. يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى19322 مو، كىشى بېشىغا 0.95 مودىن تېرىلغۇ يەر توغرا كېلىدۇ.
ماڭلاي يېزىسى
芒来乡.Manglay Town | |
قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | خوتەن ۋىلايىتى |
ناھىيە | قاراقاش ناھىيىسى |
مىللەتلەر |
ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 15 دانە |
نوپۇس | 22 مىڭ |
تور بېكەت | قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى |
يېزا تەۋەسىدە 15 مەمۇرىي كەنت بار بولۇپ، بازار كەنتى، باش ماڭلاي كەنتى، تۆۋەن ماڭلاي كەنتى، تاكشا كەنتى، بۇدۇشۇغ كەنتى، چاقاركەنتى، باش قارىلا كەنتى، تۆۋەن قارىلا كەنتى، قۇرغۇي كەنتى، ئالتۇنچى كەنتى، ئاقتام كەنتى، چىنارباغ كەنتى، داخان كەنتى، قاياش كەنتى قاتارلىقلار. يەنە 76 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 5265 ئاھالە، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئاھالىسى 4915، غەيرىي يېزا ئاھالىسى 350، 21137 نوپۇس، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 21116 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %99.90 نى ئىگەلەيدۇ، خەنزۇلار 21 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.10 نى ئىگەلەيدۇ.
ھەرخىل كەسپىي تېخنىكا خادىمىدىن 170 ئادەم بار، يەنە بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىسى 1379 نەپەر، ئوقۇتقۇچىسى 77 نەپەرگە يەتكەن؛ 9 باشلانغۇچ مەكتەپ بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىسى 3071 نەپەر، ئوقۇتقۇچى 102 نەپەرگە يەتكەن. 2006-يىلى مائارىپ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. يىل ئاخىرىدا رادىيونىڭ نوپۇسنى قاپلاش نىسبىتى %100 كە يەتكەن، رادىيو بىلەن تېلېۋىزىيەنىڭ نوپۇسنى قاپلاش نىسبىتى يەنە ئوخشاشلا %100 كە يەتكەن، 18 كۇتۇپخانا بار، ھەر خىل كىتابلار 7500 دانە، مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى، بىر ئامبولاتورىيە، 20 نەپەر تېببىي خادىم، 30 دانە كېسەل كارىۋىتى بار.
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.