From Wikipedia, the free encyclopedia
كېپىنەك بېلىق (خەنزۇچە ئاتىلىشى: 蝴蝶魚)نىڭ رەڭگى كۆركەم بولۇپ، قارىماققا چىرايلىق كېپىنەككە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ تېنى ھەم ياپىلاق، ھەم نېپىز بولغاچقا، خەتەرگە يولۇققاندا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كىچىك مارجان خادا تاشلار ئارىسىغا ۋە تاغ جىنىسلىرىنىڭ ئارىلىقلىرىغا كىرىۋالىدۇ. كېپىنەك بېلىق ئاجايىپ قالتىس « ھۆسن ئۆزگەرتىش پادىشاھى » بولۇپ، ئۇلار نەچچە مىنۇت ۋاقىتتىلا ئۆز بەدىنىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.
كېپىنەك بېلىق ئادەتتە ئىسسىق بەلباغ بېلىقلىرى، كىچىك مارجان بېلىقلار تۈرى، ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ، مەسىلەن، ئىنچىكە يوللۇق كېپىنەك بېلىق. كېپىنەك بېلىق تېنى ياپىلاق، مارجان خادا تاشلار توپى ئارىسىدا ئۇياقتىن-بۇياققا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، ئۇلار تېز ۋە چاققان مارجان شاخلىرى ياكى تاغ جىنسلىرىنىڭ يېرىقلىرىغا كىرىۋالىدۇ. كېپىنەك بېلىق ئاغزى شەكلى ناھايىتى مۇۋاپىق ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار مارجان ئۆڭكۈرىگە بېرىپ تۇرىدۇ. كېپىنەك بېلىقنىڭ قۇيرۇق قىسمىدىكى داغ قارىماققا كىچىك كۆزگە ئوخشايدۇ ، ئوزۇقلۇق تۇتقۇچى دائىم كېپىنەك بېلىقنىڭ قۇيرۇق قىسمى بىلەن باش قىسمىنى ئاسان پەرق ئېتەلمىگەچكە ، كېپىنەك بېلىق غىپپىدە تىكىۋىتەلەيدۇ .
ئادەتتىكى ئاتىلىشى: ئىسسىق بەلباغ بېلىقلىرى، مارجان بېلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئائىلىسى ئۇرۇقدىشى : سۆڭەكلىك بېلىقلار سىنىپى، ئوكۇنسىمانلار ئەترىتى، كېپىنەك بېلىق ئائىلىسى.
تۈرلەرنىڭ سانى : دۇنيادا تەخمىنەن 18 ئۇرۇقداش، جۇڭگودا 14 خىلدىكى تەخمىنەن 40 كېپىنەك بېلىق ئائىلىسى بار.
بەدىنى ياپىلاق ھەم ئىگىز، رۇمبا ياكى تۇخۇمسىمان شەكىلدە. ئەڭ چوڭ ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ، مەسىلەن، ئىنچىكە يوللۇق كېپىنەك بېلىق. ئېغىزى كىچىك، ئالدىغا سەل سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. ئىككى ئىڭىكىدىكى چىشلىرى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن، ئۆتكۈر، قىلچىق ھالەتتە ياكى چوتكا قىلى ھالەتتە بولىدۇ؛ تاڭلاي سۆڭىكىدە چىشى يوق. كېپىنەك بېلىق ئاغزى شەكلى ناھايىتى مۇۋاپىق ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار.
كېپىنەك بېلىق ئىللىق ئوكيان سۈيىدە ياشايدىغان، ياشاش تۇرمۇشى كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان كىچىك بېلىق تۈرى. كېپىنەك بېلىق سۇدا ئۆسىدۇ، كىچىك مارجان خادا تاشلىرى بېلىقلىرى تۈرىدىن، بەدىنى ياپىلاق ماس مارجان توپى ئارىسىدا ئۇياق - بۇياققا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، ئۇلار تېز ۋە چاققان مارجان شاخلىرى ياكى قورام يېرىقىدىن مارجان ئۆڭكۈرىگە كىرىۋالىدۇ، ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار، مەسىلەن، ئىنچىكە يوللۇق كېپىنەك بېلىق.
تارقىلىش رايونى پۈتۈن دۇنيادا 6 ئائىلىسى 30 نەچچە تۈرى بار، ئاساسلىقى ھىندى ئوكيان، تىنچ ئوكيان ۋە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ بىر قەدەر ئىللىق سۇ رايۇنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندا ئاز مىقداردا، يېڭى گۋېنىيە تاتلىق سۇ رايۇنىغا ئاز مىقداردا تارقالغان. جۇڭگو تەيۋەن دېڭىزى، شىشا تاقىم ئارىلى دېڭىز قاتارلىق رايۇنلارغا تارقالغان.
يېمەكلىكى : كىچىك تىپتىكى ئۇمۇرتقىسىز ھايۋان، كىچىك تىپتىكى قاپلىق (قاسراقلىق) ھايۋانلار.
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.