From Wikipedia, the free encyclopedia
كىلىياڭ يېزىسى گۇما ناھىيىسى بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان، گۇما بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 45 كىلومېتىر، شەرقىي شىمال قىسمى قوشتاغ بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا باشلەڭگەر يېزىسىبىلەن قوشنا، جەنۇبى ناۋئابات تاجىك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. كىلىياڭ يېزىسى قارىمىقىدا توققۇز مەمۇرىي كەنت، ئىككى دېھقانچىلىق مەيدانى، 25 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار. يەر كۆلىمى 21250 مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 19470 مو. يەر شەكلىنىڭ غەربىي جەنۇبى ئىگىز، شەرقىي شىمالىي پەس، يەر شەكلى مۇرەككەپ.
كىلىياڭ يېزىسى
克里阳乡.Kiliyang Town | |
گۇما ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | خوتەن ۋىلايىتى |
ناھىيە | گۇما ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 9 دانە |
نوپۇس | 7 مىڭ |
تور بېكەت | گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى |
كىلىياڭ يېزىسىغا قاراشلىق توققۇز كەنت ئاھالە كومىتېتى :
كىلىياڭ يېزىسى كىلىماتى قۇرغاق، تۆت پەسىل ئېنىق، قىش پەسلى ئۇزۇنراق بولىدۇ، ياز پەسلى قىسقا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاساس قىلىدۇ، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تۈۋرۈك كەسىپ قىلغان. بۇ يېزا تەۋەسىدە تەرمە، شورلۇق ئوتى، قوي پاخال ۋە قومۇش قاتارلىقلار چىقىدۇ. دەريا جىلغىسىدا كوئېنلۇن ئارچىسى، قىزىل قېيىن قاتارلىق سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، تەبىئىي ئورمان، ئەڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلىرىدا، ئېگىز تاغدىكى چىملىق رايونلار بار؛ ئاساسلىق سۆگەت، تېرەك، جىگدە، ياڭاق، ئۆرۈك قاتارلىقلار بار.
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.