قورغاس ناھىيىسى
From Wikipedia, the free encyclopedia
قورغاس ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Qorghas Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تىگە قارايدۇ. قورغاس ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى غۇلجا شەھىرى ۋە غۇلجا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي بورتالا شەھىرى ۋە ئارىشاڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى قازاقىستان بىلەن چىگرىلىنىدۇ (چىگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 128 كىلومېتىر). جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 120 كىلومېتىر، شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان كەڭلىكى 85 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 5559.3 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بەش بازار، تۆت يېزا، 73 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ ئالتە تۇەن - مەيدانى ۋە تۇەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانىلار بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 653 كىلومېتىر.
قورغاس ناھىيىسى
霍城县.Qorghas County | |
قورغاس ناھىيىسى خەرىتىدىكى ئورنى | |
ئومۇمىي ئەھۋال | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ناھىيە |
ئوبلاست | ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇرقازاق |
تىللار | ئۇيغۇرچەقازاقچە |
كوچا باشقارمىسى سانى | 0 دانە |
بازارلىق سانى | 5 دانە |
يېزا سانى | 4 دانە |
نوپۇس (2015-يىل) | 357,657 [1] |
يەر مەيدانى | 5,466.25 كۋادرات كىلومېتىر |
باشقىلار | |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى) |
تېلېفون رايون نومۇرى | 999 (0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新F |