From Wikipedia, the free encyclopedia
قاشتېشى يېزىسى خوتەن ناھىيەسى گە جايلاشقان. چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، ئاساسلىق كان بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، قاشتېشى، ئالتۇن قاتارلىقلار بار. قاشتېشى يېزىسى خوتەن ناھىيەسى بازىرنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، خوتەن ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 150 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 13299.6 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى 6000 بولۇپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ ئىككى مىللەت ئارلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %99.92 نى ئىگەلەيدۇ. 1957-يىلىدىن ئىلگىرى لوپ ناھىيەسى گە تەۋە بۇلۇپ، 1957-يىلى خوتەن گە ئايرىپ بېرىلگەن. 1958-يىلى راكېتا گۇڭشېسى قىلىپ قۇرۇلغان. 1984-يىلى قاشتېشى يېزىسى قىلىپ تەسىس قىلىنغان.
قاشتېشى يېزىسى
喀什塔什乡.Qashtëshi town | |
خوتەن ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | خوتەن ۋىلايىتى |
ناھىيە | خوتەن ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 12 دانە |
نوپۇس | 6 مىڭ |
يەر مەيدانى | 13,299 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 903(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新R |
تور بېكەت | خوتەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى |
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.