شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Sherqiy Türkistan Jumhuriyiti)بولسا 1944-يىلى غۇلجادا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنى كۆرسىتىدۇ. 1933 - يىلى 12 - ئاپرىل سىياسى ئۆزگىرىشىنى قوزغاپ، شىنجاڭدا ھاكىمىيەتنىڭ قولغان ئالغان شېڭ شىسەينىڭ 11 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىپ، شىنجاڭ جۇڭخۇا مىنگو(خەنزۇچە:中华民国،中華民國)نىڭ رەسمى باشقۇرۇشىغا ئۆتۈشى بىلەن، شىنجاڭدا شېڭ شىسەينىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مىللىي زىددىيەتلىرى تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى. خەلق ئىچىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ئادىل بولمىغان سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر ئارىسىدا ئىنقىلاپ تۇيغۇلىرى ئوت ئېلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ، شۇ مەزگىللەردە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىنقىلاپ ئىستىكىنىڭ تۈرتكىسىدە، خەلق ئارىسىدا ئىنقىلاپ پىكىر - ئىدىيىلىرىنىڭ تارقتىشقا باشلىدى. ۋە نىھايەت 1944 - يىلىغا كەلگەندە، بۇ ئىنقىلاپ پارتىلىدى. غۇلجا شەھرىدىكى داڭلىق ئۇرۇشلاردىن، ھەرەمباغ ئۇرۇشى، ئايردروم ئۇرۇشى ۋە لەڭشاڭ ئۇرۇشى نىڭ غەلبىسى بىلەن غۇلجا شەھرىنىڭ تولۇق ئازاد قىلىنىشى نەتىجىسدە، 1944-يىلى 12 - نويابىر كۈنى غۇلجىدا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەسمى قۇرۇلدى. ئېلىخان تۆرە جۇمھۇرىيەتنىڭ رەئىسجۇمھۇر(پرىزدېنت)لىقىغا كۆرسىتىلدى.
جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە ھاكىمىيەتنىڭ يۈرگۈزۈلگەن ئۈچ ۋىلايىتى: ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايىتى
More information كۆكبايراق ...
''شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى |
|
ئومۇمىي ئەھۋال |
|
تارىخى |
قۇرۇلۇش: 1944-يىلى 12-نويابىر يىمىرلىش: 1949-يىلى 20-دىكابىر |
|
Close