![cover image](https://wikiwandv2-19431.kxcdn.com/_next/image?url=https://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/9/9a/Location_of_Lop_within_Xinjiang_%2528China%2529.png/640px-Location_of_Lop_within_Xinjiang_%2528China%2529.png&w=640&q=50)
سامپۇل بازىرى
From Wikipedia, the free encyclopedia
سامپۇل بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، كۇئىنلۇن تېغى نىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، لوپ ناھىيىسى كۆلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. يېزا-بازارلىرى لوپ بازىرى، بۇيا يېزىسى، چارباغ يېزىسى، ھاڭگىيا بازىرى، دول يېزىسى، ناۋا يېزىسى، بەشتوغراق يېزىسى بىلەن قوشنا. ئومۇمىي كۆلىمى 53.87 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يېزا بويىچە 25 مەمۇرىي كەنت بار، 2003-يىلنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن يېزا ئومۇمىي ئاھالىسى 6131 ئائىلە، 24960 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %99 كە يەتكەن.
سامپۇل بازىرى
山普鲁镇.Sampul town | |
![]() | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | بازارلىق |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | خوتەن ۋىلايىتى |
ناھىيە | لوپ ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 26 دانە |
نوپۇس | 30 مىڭ |
يەر مەيدانى | 53.87 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 903(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新R |
تور بېكەت | لوپ ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى |