خەن يۈ
From Wikipedia, the free encyclopedia
خەن يۈ (768-824-يىللار) تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى مەشھۇر ئەدىب. ئۇ ئۆمرىدە سىياسىي، پەلسەپە، ئەدەبىيات جەھەتلەردە نەتىجە ياراتقان، ئەدەبىياتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى ھەممىدىن زور. ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان ئەدەبىياتىغا قوشقان ئەڭ گەۋدىلىك تۆھپىسى تاڭ دەۋرىدىكى ئەدەبىيات ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
![Thumb image](http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/c/c6/%E9%9F%A9%E6%84%88.jpg/250px-%E9%9F%A9%E6%84%88.jpg)
خەن يۈ تەشەببۇس قىلغان قەدىمكى ئەدەبىيات ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئالدىنقى چىن، ئىككى خەن سۇلالىلىرىنىڭ نەسر روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ھەم ئالتە سۇلالىدىن بۇيانقى ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق بولغان جۈپلۈك شەكىل بىلەن قارشىلىشىش ئىدى. ئۇ ماقالە مەزمۇنىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ماقالىدە مەزمۇنلۇق گەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. قەدىمكى ئەدەبىياتنىڭ «مەنىسىنى ئۆگىنىش، گېپىنى ئۆگەنمەسلىك»، «گەپنى ئۆزى قىلىش»، «ئەسەرنىڭ تىلى راۋان بولۇش» نى تەشەببۇس قىلغان. خەن يۈنىڭ تىرىشىپ تەشەببۇس قىلىشى ئارقىسىدا، قەدىمكى ئەدەبىيات ھەرىكىتى كەڭ تەسىر قوزغىدى، نۇرغۇن كىشىلەر خەن يۈدىن تەلىم ئالدى، ئۇ فەن زۇڭيۈەن، لى ئاۋ، خۇاڭ فۇشى، لى خەن، شىن ياجى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئاتاقلىق قەدىمكى ئەدەبىياتشۇناسلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە تىرىشىپ، ئورۇنسىز قائىدە-يوسۇن، ئەپقاچتى گەپ-سۆزلەرنى توسۇپ، ئېگىلمەس ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلىدى. كېيىن يەنە ليۇ زۇڭيۈەننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى، قەدىمكى ئەدەبىياتنىڭ تەسىرى تېخىمۇ زورىيىپ، جۈپلۈك شەكىلنى بېسىپ چۈشۈپ، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئاساسلىق كەيپىياتقا ئايلاندى.