From Wikipedia, the free encyclopedia
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى (خەنزۇچە: 中华人民共和国) ، قىسقارتىلىپ جۇڭگو (خەنزۇچە: 中国) ، شەرقىي ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان بىر دەۋلەت[1]。 پايتەختى بېيجىڭ[2] ، ئەڭ چوڭ شەھىرى شاڭخەي[3][4] ، رايون بويىچە 23 ئۆلكە ، بەش ئاپتونوم رايون ، تۆت بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ، ئىككى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون بار。 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 1949 يىلى 10 ئاينىڭ 1 كۇنى مۇستەققىلىقىنى ئېلان قىلغان، يەر مەيدانى 9 مىليون 640 مىڭ 821 كۋادرات كىلومېتىر ، نوپۇسى 1 مىليارد 443 مىليون 497 مىڭ ، ئۇ ئاساسلىق گەۋدە سۈپىتىدە خەنزۇ مىللىتى بار دۆلەت ، 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت[5]。
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 中华人民共和国 | ||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
پايتەخت | بېيجىڭ |
ئەڭ چوڭ شەھرى | شاڭخەي |
ئورتاق تىل | پۇتۇڭخۇا |
ئېتنىك بۇدۇنلار | جۇڭخۇا مىللىتى ・خەنزۇ (%91.51) ・ئۇيغۇر (%0.84) ・قاتارلىق سانلىق مىللەت (%8.49) |
ھۆكۈمەت | بىر پارتىيىلىك تۈزۈم |
دۆلەت رەئىسى | شى جىنپىڭ |
باش ۋەزىر | لى چياڭ |
قانۇن تۇرغۇزۇش ئورنى | مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى |
مەۋجۇد ھەربىي ئارمىيە | 2,285,000 كىشى (1نچى) |
يەر مەيدانى | 9,600,000 كلومتر² (3نچى) |
نۇڧۇس (2020 تەخمىنەن) |
1,411,778,724 جان (2نچى) |
ئ.ئ.ۇ.ق (2023 تەخمىنەن) |
19.373 تىرىلىيون دوللار (2نچى) |
كىشى باشى | US$ 13,721 (83نچى) |
پۇل بىرلىكى | خەلق پۇلى\يۈەن (¥\CNY) |
كالېندار | yyyy\mmmm\dddd يىل\ئاي\كۈن |
قاتناش يۆنلىشى | ئوڭنى بېسىپ (چوڭ قۇرۇقلۇقتا) شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندا (سولنى بېسىپ) |
ۋاقىت رايۇنى | بېيجىڭ ۋاقتى (UTC+8) |
ئىنتېرنېت | cn. |
خەلقئارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى | 86+ |
جۇڭگو تۆت چوڭ مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى ، ئۇزاق مەدەنىيەتلىك تارىخقا ئىگە ،يەر كۆلىمى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە 3 -چوڭ دۆلەت، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ نوپۇسى كۆپ دۆلەت ، ئەنگلىيە ،فرانسىيە،ئامېرىكا ، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت。 جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ سودا دۆلىتى، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى دۆلىتى ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پولات تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ يېزا ئىگىلىك دۆلىتى ، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئۆسۈپ يېتىلىشى ئەڭ تېز دۆلەتلەرنىڭ بىرى。 چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلغۇچى 2-چوڭ دۆلەت ، يەنە دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم ئەزاسى، يوشۇرۇن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان。
1949-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە،1 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى بېيپىڭدا ئېچىلغان. 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، يىغىنىدا ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن خاراكتېرىگە ئىگە « جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق پىروگراممىسى » ماقۇللانغان، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزگەن. 9-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئومۇمىي يىغىندا سىياسىي كېڭەش 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى يىغىنىنىڭ ھەيئەتلىرى ۋۇجۇدقا كەلگەن، ماۋ زېدۇڭ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە ، جۇ دې، ليۇ شاۋچى، سۇڭ چىڭلىڭ، لى جىشېن، جاڭ لەن، گاۋ گاڭ قاتارلىقلار مۇئاۋىن رەئىسلىككە، باشقا 56 كىشى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.
1949- يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، ماۋ زېدۇڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكالاپ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەسمىي قۇرۇلغان.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇرۇش قانات يايدۇرۇلۇپ،1953- يىلدىن باشلاپ، ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىپ، 1956- يىلى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىزىم ئۈستىدە ئىزدىنىش باسقۇچىغا كىرگەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلىپ، تەدرىجىي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىلغان.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇقلۇق كۆلىمى تەخمىنەن 960 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، چوڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى 18 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئارال قىرغاق لىنىيىسى 14 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئىچكى دېڭىز، ۋە چېگرا، دېڭىز سۇ يۈزى تەخمىنەن 4مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز رايونىدا تارقالغان كىچىك ئاراللار 7600 دىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەن ئارىلى ئەڭ چوڭ بۇلۇپ، كۆلىمى 35798 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . قۇرۇقلۇقتا 14 دۆلەت، دېڭىزدا بىلەن ئالتە دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ.
قۇرۇقلۇق تېررىتورىيەسى:
جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە دېڭىز بويىدىكى ئاراللار، تەيۋەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار دۇڭشا تاقىم ئارىلى، شىشا تاقىم ئاراللىرى، جۇڭشا تاقىم ئاراللىرى، نەنشا تاقىم ئارىلى ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە باشقا بارلىق ئاراللارنى (جۈملىدىن دىياۋيۈ تىزما ئاراللىرى )، قۇرۇقلۇق زېمىنى 9 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
دېڭىز - ئوكيان تېررىتورىيەسى :
بوخەي دېڭىزىنىڭ پۈتۈن دائىرىسى ۋە خۇاڭخەي دېڭىزى، دۇڭخەي دېڭىزى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسمى ۋە مەخسۇس باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئىقتىسادىي رايونلار، جەمئىي تەخمىنەن 470 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇلار ئىچىدە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى توققۇز خىل سىزىق ئىچىدىكى بارلىق دېڭىز تەۋەلىكى كۆلىمى تەخمىنەن 300 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ ھاۋا تەۋەلىكى زېمىن ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدىن 35 كىلومېتىردىن يۇقىرى بوشلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرقى ۋە جەنۇبى، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى دېڭىز ياقىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18400 كىلومېتىر،14 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق ئارال قىرغاق لىنىيىسى، ئىچكى دېڭىز ۋە چېگرا، دېڭىز سۇ يۈزى تەخمىنەن 4مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز رايونىدا 7600 كىچىك ئارال تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەن ئارىلى ئەڭ چوڭ بۇلۇپ، تەخمىنەن 35989.76 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20000 كىلومېتىردىن ئارتۇق، قۇرۇقلۇقتا 14 دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، دېڭىزدا ئالتە دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ.
جۇڭگونىڭ يەر تۈزۈلۈشى غەربى ئېگىز، شەرقى پەس، مۇرەككەپ، كۆپ خىل؛ تۈرلۈك يەر شەكلى پۈتۈن مەملىكەت قۇرۇقلۇق كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى : تاغلىق %33.3، ئېگىزلىك % 26، ئويمانلىق %18.8، تۈزلەڭلىك % 12، ئېدىرلىق% 9.9 . جۇڭگودىكى تاغلىق،ئېگىزلىك ۋە ئېدىرلىق قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ % 67 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئويمانلىق ۋە تۈزلەڭلىك تەخمىنەن قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ % 33 ىنى ئىگىلەيدۇ. تاغ تىزمىلىرى كۆپ ھاللاردا شەرق غەرب ۋە شەرقىي شىمال-غەربىي جەنۇبقا سوزۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئالتاي تاغلىرى، تەڭرىتېغى، كوئىنلۇن تېغى، قاراقۇرۇم تېغى، ھىمالايا تىغى، يىنشەن تېغى، چىنلىڭ چوققىسى، نەنلىڭ چوققىسى، چوڭ ھىنگان تاغ تىزمىلىرى، چاڭبەيشەن تېغى، تەيخاڭشەن تېغى، ۋۇيىشەن تېغى، تەيۋەن تاغ تىزمىسى، ۋۇشەن ۋە خېڭدۈەنشەن تېغى قاتارلىق تاغ تىزمىلىرى بار.
يەر بايلىقى
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.