From Wikipedia, the free encyclopedia
تۈۋەت يېزىسى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بۇلۇپ، مەرھۇم گىتتار ماھىرىمىز ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ يۇرتى. جەنۇب تەرىپى قاراقاش بازىرىغا، غەرىب تەرىپى قوچى يېزىسى، پۇرچاقچى يېزىسى ۋە 47-تۈەنگە تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى بولسا يېڭىيەر يېزىسى بىلەن چېگىرلىنىدۇ. شەرىق تەرىپى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيىسى نىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ناھىيە بازىرىغىچە 7.3كىلومىتىر كېلىدۇ.
تۈۋەت يېزىسى
吐外特乡.Tüwet Town | |
قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | خوتەن ۋىلايىتى |
ناھىيە | قاراقاش ناھىيىسى |
مىللەتلەر |
ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 21 دانە |
نوپۇس | 34 مىڭ |
تور بېكەت | قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى |
يېزا تەۋەلىكىدە 21مەمۇرىي كەنت بار. ئۇلار :
تۈۋەت يېزىسىنىڭ كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق چۆللۈك كېلىماتقا تەۋە بولۇپ ، تۆت پەسىل ئېنىق , يازدا تومۇز ئىسسىق بولىدۇ.ئەتىيازدا ھاۋا بالدۇر ئىسسىيدۇ ، كۈز پەسلىدە تېمپراتۇرا تېز ، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تولۇق ، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ . يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 12.5-. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2829.9 سائەت. 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4360.9. قىروسىز مەزگىلى 217 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 41.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1736.1 مىللىېمتىر. 1- ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ -6.5، ،قىروسىز مەزگىل 177 كۈن ، يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2250 سائەت.
تۈۋەت يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. دېھقانچىلىق قىلىشقا ۋە ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان يەرلەر ئىنتايىن كۆپ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، شال، كۆممىقوناق، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بار. قەغەزياڭاق ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. دېھقانچىلىق رايونى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار.
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.