بەشتوغراق يېزىسى
From Wikipedia, the free encyclopedia
بەشتوغراق يېزىسى لوپ ناھىيىسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرى شەرقىي شىمالغا 33 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقىي چىرا چوڭ چۆللۈكى، غەربىي دول يېزىسى ئويمانيانتاق كەنتى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا ئاچچىق تاغ ئالدىدىكى چۆللۈك، شىمالىي تەرىپى تەكلىماكان قۇرغاق چوڭ قۇملۇقى. بوستانلىق قىسمى جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 7 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 5 كىلومېتىر، كۆلىمى 35 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
بەشتوغراق يېزىسى
巴什托拉格乡.Beshtoghraq town | |
لوپ ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | خوتەن ۋىلايىتى |
ناھىيە | لوپ ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 12 دانە |
نوپۇس | 6 مىڭ |
يەر مەيدانى | 35 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 903(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新R |
تور بېكەت | لوپ ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى |