From Wikipedia, the free encyclopedia
ئامىرخان 1965-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ھىندىستان دىكى بومباي دا دۇنياغا كەلگەن. ھىندىستان بوللىۋودتىكى داڭلىق ئارتىس، رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى.
ئۇيغۇرچە ئىسمى | ئامىرخان |
---|---|
باشقا نامى | Aamir Hussain Khan، عامر حسسیں خا |
يۇرتى | بومباي |
بوي ئېگىزلىكى | 168سانتىمېتىر |
پۈتتۈرگەن مەكتىپى | Narsee Monjee College |
خەنزۇچە ئىسمى | 阿米尔·侯赛因·汗 |
---|---|
دۆلەت تەۋەلىكى | ھىندىستان |
تۇغۇلغان ۋاقتى | 1965-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى |
كەسپى | ئارتىس ، رېژىسسور ، فىلىم ئىشلىگۈچى |
ئېتىقادى | ئىسلام دىنى |
ئامىرخان 1965-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ھىندىستان دىكى بومبايدا دۇنياغا كەلگەن. ھىندىستان بوللىۋودتىكى داڭلىق ئارتىس، رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى. ئۇ 8 يېشىدا تۇنجى كىنوسى 《Yaadon Ki Baraat》دا رول ئالغان. كېيىن تېنس توپ ئويناشقا كىرىشىپ، ماخاراشترانىڭ تېنس توپ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن.
1988-يىلى ئامىرخان تېنس توپنى تاشلاپ، كىنو ئېكرانىغا قايتىپ كەلگەن . كېيىن «يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار»، «نامەلۇم ئۆلۈم»، «ئۈچ ئەخمەق » ... قاتارلىق نادىر ئەسەرلىرى ئارقىلىق دۇنياۋى چولپان بولۇپ تونۇلغان.
ئامىرخان ھىندىستاننىڭ دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك شەخىسى، بوللىۋودتىكى كۆپ ئىقتىدارلىق ئارتىس، ئامىرخاندا ئۇتۇق قازىنالايدىغان ئىشەنچ، ھەقىقەتنى قوغلىشىدىغان يۈرەك، غەيرەت ۋە مۇۋاپپىقىيەت قازىنىدىغان ئەقىل-ئىدراك بار.
ئامىرخان 21 ياش ۋاقتىدا قوشنىسىنىڭ قىزى رىنا (Reena) نى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. لېكىن ئىككى ئائىلىنىڭ ئېتىقادىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى بۇ تويغا قارشى چىقىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئامىرخان رىنانى ئېلىپ قېچىشنى قارار قىلىدۇ.
بۇ مۇھەببەت دائىم ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە ھىندىستاندىكى پارتىيىلەر تەرىپىدىن مەدھىيلىنىپ ھىندى دىنى مۇخلىسلىرى بىلەن ئىسلام دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ ئىجىل-ئىناق ئۆتىشىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ كەلگەن. 2002-يىلى 10-ئايدا ئامىرخان رىنا بىلەن ئاجراشقان. 2005-يىلى 12-ئايدا ئىككىنچى ئايالى كىران (Kiran Rao )بىلەن توي قىلغان.
ئەڭ نادىر ئەر باش پېرسۇناژ مۇكاپاتى «ئۈچ ئەخمەق دوست» (نام ئاتاش 2010)
ئەڭ نادىر رېژىسسور مۇكاپاتى «يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار» (مۇكاپاتقا ئېرىشىش 2008)
ئەڭ نادىر ئەسەر مۇكاپاتى «يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار» (مۇكاپاتقا ئېرىشىش 2007)
ئەڭ نادىر رېژىسسور مۇكاپاتى «يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار» (مۇكاپاتقا ئېرىشىش 2008)
ئەڭ نادىر ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتى «يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار» (مۇكاپاتقا ئېرىشىش 2008)
ئەڭ نادىر رېژىسسور مۇكاپاتى «يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار» (مۇكاپاتقا ئېرىشىش 2008)
ئەڭ نادىر ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتى «يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار» (مۇكاپاتقا ئېرىشىش 2008)
ئەڭ نادىر ئورۇنلاش مۇكاپاتى «ئۈچ ئەخمەق دوست» (مۇكاپاتقا ئېرىشىش 2010)
ئامىر خان ئېرىشكەن مۇكاپات 22، بۇنىڭ ئارىسىدا فىلىملەر مۇكاپاتى يەتتە (بىرسى ئەڭ ياخشى يېڭى ئارتىس، ئۈچى ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتى).
ئامىر خان 2003-يىلى ھىندىستاننىڭ تۆتىنچى دەرىجىلىك گىراژدانلار مۇكاپاتىغا، 2010-يىلى ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2001-يىلى فوربېس ژۇرنىلى ئامىر خاننى ھىندىستاندىكى ئۈچىنچى كۈچلۈك كىنو چولپىنى دەپ باھالىغان.
2009-يىلى ماخاراستا شىتاتى ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ھىندىستان كىنوچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن تارقاتقان «راج كاپور» مۇكاپاتىنى بەرگەن.
2012-يىلى «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان.
2013-يىلى «دەۋر ژۇرنىلى» ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە 100 شەخىسنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
2006-يىلى 4-ئايدا ئامىرخان يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەر ئىگىلەپ سۇغا توغان تۇتۇش ھەركىتى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا قاتناشقان. ئۇنىڭ ئىش - ھەرىكىتى بولسا زۇڭلى سىنگىنىڭ مەدىتىگە ئېرىشكەن.
2011-يىلى ئامىرخان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى ئوبراز ئەلچىسىلىككە تەيىنلىنىپ، ئاممىنىڭ بالىلار ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە دۇنيا تەبىئەت فوندى جەمئىيىتى « يەرشارىدا بىر سائەت » پائالىيىتىنىڭ ھىندىستان رايونىدىكى باش ئەلچىسى.
2015-يىلى 4-ئاي ئامىرخان نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئايال باشلىقلار يىغىنىدا سۆھبەتتە بولدى.
2016، 2017، 2018-يىللىرى چوڭ قۇرۇلۇقتا كىنو ڧىلىملىرىنى تۇنۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان. شۇنداقلا، شۇ جەريانىدا، چىڭدۇغا بىرىپ مۈشۈكىيىققا يەم بەرگەن. 2018-يىلى ئۇنىڭ بىلەن داڭلىق ئارتىس خۇئاڭبونىڭ ئۇچىرىششىغا بىر ئۇيغۇر قىزى تەرجىمانلىق قىلىلپ بەرگەن.
ئىزدە قامۇسى https://web.archive.org/web/20171111183503/http://wiki.izda.com/?a=show&id=8312
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.