From Wikipedia, the free encyclopedia
ياۋرافراسىيا، ئاۋراسىكا، ئافرىقا-ياۋروئاسىيا ياكى ئافرو-ياۋراسىيا ئافرىقا ۋە ياۋروئاسىيانى بىر قىتئە دەپ ئىپادىلەيدىغان ئاتالغۇدۇر. بۇ ەەۋدىنى تەشكىل قىلغان قىتئەلەر دۇنيا نۇفۇسىنىڭ 85% ىنى (تەخمىنەن 5.7 مىلىيارد كىشى) قاپلايدۇ. شۇنداقلا بۇ قىتئە كونا دۇنيا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.[1]
جۇغراپىيىلىك نوقتىدى، ئافرىقا ۋە ياۋروئاسىيا سۇۋەيىش قانىلى بىلەن بۆلۈنگەن. ياۋروئاسىيا بولسا ياۋروپا ۋە ئاسىيا دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن (گېئولوگىك بۆلۈنىشىدىن زىيادە مەدەنىيەت پەرقى يۈزىسىدىن بۆلۈنگەن).
بەئزى ئاكادېمىكلەر ياۋرافراسىيا دەپ تىلغا ئالماقتا،[2] شۇنداقتىمۇ بۇ ئاتالغۇ كۆپ ئېتىراپ قىلىنمىغان. گېئوپولىتىكادا، ئافرىقا-ياۋروئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقى (بېرتانىيە ئاراللىرى، ياپونىيا ۋە ماداغاسقار قاتارلىق ئاراللار سىرتىدا) دۇنيا ئارىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ پىلانىتنىڭ ئەڭ چوڭ ئارىلىدۇر.[3]
كۆھنە دۇنيا ئافرىقا-ياۋروئاسىيا ۋە ئەتراپىدىكى ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
گئېلېوگىيىلىك ئاتالغۇلاردا، ئافرىقا-ياۋروئاسىيا، ئافرىقا ياۋروپاغا سوقۇلۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى قىتئە شەكىللىنىدۇ. بۇ ۋاقىئە تەخمىنەن كۈنىمىزدىن 600 مىڭ يىل سوڭرە، ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىي چوققىلىرى بىلەن ئافرىقىنىڭ ئۇچرىشىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. بۇ ئىش يۈز بەرگەندە، ئوتتۇرا يەر دېڭىزى، ئاتلانتىك ئوكياندىن ئايرىلىدۇ. ئافرىقىنىڭ بۇنىڭدىن 50 مىلىيون يىل ئىچىدە تامامەن سوقۇلىشى بىلەن، ئاقدېڭىزنىڭ يوقىلىشى ۋە يېڭى تاغ تىزمىلىرىنىڭ (ئالپىس تاغ تىزمىسىغا قوشۇلۇپ) مەيدانغا چىقىشى كۈتۈلمەكتە.[4]
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.