![cover image](https://wikiwandv2-19431.kxcdn.com/_next/image?url=https://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/c/c0/%25C3%259Cr%25C3%25BCmchi_shehiri_xeritisi%2528Uyghur%2529.png/640px-%25C3%259Cr%25C3%25BCmchi_shehiri_xeritisi%2528Uyghur%2529.png&w=640&q=50)
ئۈرۈمچى ناھىيىسى
From Wikipedia, the free encyclopedia
ئۈرۈمچى ناھىيىسى تەڭرىتاغ نىڭ ئوتتۇرا قىسىمىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ۋە تەڭرىتاغ رايونى نى ئوراپ تۇرىدۇ. شەرقتە تۇرپان شەھىرى بىلەن، غەربتە سانجى شەھىرى بىلەن، شىمالدا مىچۈەن شەھىرى بىلەن، جەنۇبتا توقسۇن ناھىيىسى، خوشۇت ناھىيىسى، خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ. شەرقىي شىمالدا بۇغدا تېغىدىن ئۆتۈپ جىمىسار ناھىيىسى، فۇكاڭ شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 190 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 120 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 4212 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
ئۈرۈمچى ناھىيىسى
乌鲁木齐县.Ürümchi County | |
![]() | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ناھىيە |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
شەھەر | ئۈرۈمچى شەھىرى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر خەنزۇ |
تىللار | ئۇيغۇرچە خەنزۇچە |
كوچا باشقارمىسى سانى | 0 دانە |
بازارلىق سانى | 3 دانە |
يېزا سانى | 3 دانە |
نوپۇس | 80 مىڭ |
يەر مەيدانى | 4,332.16 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 991(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新A |