تاكو (يېمەكلىك)
From Wikipedia, the free encyclopedia
تاكو (ئېنگلىزچە: Taco؛ ئىسپانچە: Taco) مېكىسكا ۋە باشقا لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە ئەڭ تونۇلغان بىر خىل يېمەكلىك. تاكو ئادەتتە قوناق ئۇنىدىن تەييارلىغان ئورالما ھالەتتىكى تورتېللا (مېكسىكا يۈزى ئوچۇق نېنى) نىڭ ئىچىگە گۆش، كۆكتات، ئېرىمچىك ۋە ياكى باشقا پىشۇرۇلغان ماتېرياللارنى قويۇش ئارقىلىق قول بىلەن تۇتۇپ يېيىلدىغان بىر خىل لاتىن ئامېرىكا تامىقى. تاكونىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە تالاش تارتىشلار مەۋجۇت، لېكىن ئۇنىڭ مېكسىكدا بارلىققا كەلگەنلىكى ناھايىتى ئېنىق. ھازىر تاكو دۇنيا تەۋەسىدە تونۇلغان لاتىن ئامېرىكنىڭ ئەڭ داڭلىق تامىقى. تاكوغا ئىشلىتىدىغان گۆش ئاساسلىقى چوشقا گۆشىدۇر.